بومباي ھۇجۇمچىلارنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىدى

ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرى چارشەنبە كۈنى كەچتە بىر گۇرۇپ ھۇجۇمچىلارنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىدى. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەرەپ دېڭىزىدىن قولۋاقلار ئارقىلىق كەلگەن 10 - 12 كىشىلىك بىر گۇرۇپ بومباينىڭ كاتتا مېھمانخانا، ئاشخانا قاتارلىق سودا مەركەزلىرىگە ۋە پويىز ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2008.11.27
Hin-bombay-taj-maxal-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 26 - ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯘﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻣﺒﺎﻱ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﺎﺝ - ﻣﺎﺧﺎﻝ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺕ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
AFP Photo

ۋەقەدە ھازىرغا قەدەر 110 كىشى ئۆلگەن ۋە 300 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان. نۆۋەتتە ۋەقە 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن يۈز بەرگەن شىددىتى نىسبەتەن زور بولغان تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ قارالماقتا.

ھۇجۇمچىلار، كەچ سائەت 10 ئەتراپىدا 10 ئورۇنغا تەڭ باستۇرۇپ كىرىپ، خېرىدارلارنى ئوققا تۇتقان، ۋە بومبا تاشلىغان ۋە بىر قىسىم خېرىدارلارنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان. نۆۋەتتە ھىندىستان بىخەتەرلىك كۈچلىرى، گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە ھۇجۇمچىلارنى ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن ھەركەت ئېلىپ بارماقتا.

ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئورۇنلاردىن بىرى تاج مەھەل مېھمانخانىسى بولۇپ، مېھمانخانا 10 سائەتتىن ئارتۇق مۇھاسىرىگە ئېلىنغاندىن كېيىن، گۆرۈگە ئېلىنغانلار قۇتقۇزۇۋېلىنغان ۋە ھۇجۇمچىلار ئۆلتۈرۈلگەن. ئوبەرىيئو مېھمانخانىسىدا گۆرۈگە ئېلىنغانلاردىن ھازىرغا قەدەر 45ئى قۇتۇلدۇرۇلغان، 35 كىشى بولسا قۇتقۇزۇشنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

بۇ قېتىمقى ھۇجۇم پۇختا پىلانلانغانلىقى ۋە ئۈستۈن ماھارەت بىلەن ئىجرا قىلىنغانلىقى بىلەن دىققەتنى تارتماقتا. ھازىرغا قەدەر بۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى، "دەككا كۇجاھىدىن" نامىدىكى بىر ئىسلامىي تەشكىلات ئۈستىگە ئالغان، ئەمما بۇ تەشكىلات ئانچە تونۇلمىغان بىر تەشكىلات بولغاچقا، تەرەپلەر مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ جاۋابكارلىق باياناتىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.

ھىندىستان باش مىنىستىرى بۈگۈن ۋەقەنى ۋەھشى تېرورلۇق ۋەقەسى دەپ ئەيىبلىدى، ھەم ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا تاشقى كۈچلەر مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈردى ھەم ھىندىستان خەلقىنى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارىتا بىرلىك - ئىتتىپاقلىققا چاقىردى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گولدېن براۋۇنلار ۋەقەنى ئەيىپلىدى.

بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئورۇنلار چەتئەللىكلەر مەركەزلەشكەن ئورۇنلار ۋە گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ كۆپىنچىسى غەربلىكلەر بولۇپ، ھۇجۇمنى ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقى قىلىنىۋاتقان پەرەزلەردىن بىرىدۇر. شىۋېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ماگناس رانستروپ مانا بۇ قاراشتا. ئۇ ۋەقەنىڭ ئەلقائىدە بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى ئەڭ چوڭ ئېھتىماللىق دەپ كۆرسىتىدۇ.

يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر، ھۇجۇمنى كەشمىر پارتىزانلىرىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا. بۇ قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئورۇنلاردىن بىرى بومبايدىكى يەھۇدى ئىبادەتخانىسى.

گۆرۈگە ئېلىنغانلار ئىچىدە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە، شىۋېتسىيە، كانادا، سىنگاپور ۋە تۈركىيە ۋەتەداشلىرى بارلىقى مەلۇم. بۈگۈن تۈركىيىدىكى "ھۆرىيەت" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇمچىلار، گۆرۈگە ئېلىنغانلار ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلغان ۋە ئىككى نەپەر تۈرك ۋەتەدېشىنى قويۇۋەتكەن.

بومباي شەھىرى ھىندىستاننىڭ پۇل - مۇئامىلە مەركىزى بولۇپ، ئۇ ھىندىستاننىڭ تىجارىي پايتەختى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نوپۇسى 13 مىليون بولۇپ، دۇنيادىكى كۆپ نوپۇسلۇق شەھەرلەردىن بىرى سانىلىدۇ.

خەۋەر ئارخىپلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بومباي شەھىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 187 كىشى ئۆلگەن. بۇ قېتىمقىسى ئەڭ شىددەتلىكىدۇر. ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان "دەككا مۇجاھىدىن" تەشكىلاتى، بومباي شەھىرىدە بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ يۈز بېرىدىغانلىقى، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى بومباي بىخەتەرلىك كۈچلىرىدە ئىكەنلىگىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.