بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، يىغىنغا رۇسىيە فېدېراتسىيىسى، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، ئىران ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن بولۇپ، 60 ئەتراپىدا مۇتەخەسسىس قاتناشماقتا ئىكەن.
بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى، ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسيا سىياسىتى، ھىندىستان بىلەن رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق تېمىلاردا ماقالىلەر ئوقۇپ ئۆتۈلىدىكەن.
بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ھىندىستان بىلەن ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تەھلىل قىلىنغاندا، تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ھازىر بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان تۈركىيە ئادنان مەندەرەس ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور سەلچۇق چولاقوغلى ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەققىدىكى پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.