ھىنىدستان 'ئاسىيا خەۋەر ئاگېنتلىقى'نىڭ بايان قىلىشىچە، ھىنىدستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ بومباي مەركىزى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ھەرىكەت باشلىغان، قالغان 3 رايوندىكى بىخەتەرلىك مەركىزى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ھەرىكەتكە ئۆتىدىكەن.
ھىنىدستان ھۆكۈمىتى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھىندىستاندىكى ماۋ زېدۇڭچىلارنى تېررورچى تەشكىلات دەپ جاكارلىغان ئىدى
'ئاۋسترالىيە رادىئو ستانسى'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىنىدستان ھۆكۈمىتى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھىندىستاندىكى ماۋ زېدۇڭچىلارنى تېررورچى تەشكىلات دەپ جاكارلىغان ئىدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىنىدستان ھۆكۈمىتى ماۋچىلارنىڭ ھىنىدستان تېررىتورىيىىسدە ھەرىكەت قىلىشىنى مەنئى قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ھىندىستان تېررىتورىيىسىدىكى ھەر قانداق ماۋ زېدۇڭچى تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىنى ياكى ئۇنىڭغا ئالاقىدار شەخسلەرنى قولغا ئېلىشقا ھوقۇق بەرگەن.
ھىنىدىستان 'بومباي ۋەقەسى'دىن كېيىن، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى پۈتۈن مەملىكەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش لازىملىقىنى ھېس قىلغان
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 'خەلقئارا ئاۋانگارت گېزىتى' دە بايان قىلىنىشىچە، ھىنىدستان ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 11 - ئايدا بومبايدا تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى پۈتۈن مەملىكەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش لازىملىقىنى، ھەر قانداق جايدا تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرسە، ئۇنىڭغا تېز ئىنكاس قايتۇرۇش لازىملىقىنى ھېس قىلغان.
ھىندىستان خەلقى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرىدىن 'تېز ئىنكاس قايتۇرالمىدى' دەپ نارازى بولغان ئىدى
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھىندىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى 1986 - يىلى قۇرۇلغاندىن كېيىن، گەرچە 1994 - يىلى 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ھىنىدستاننىڭ شىمالىدىكى ئامۇلىز ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن ئايرۇپىلان بۇلاش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلغان.
2008 - يىلى 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى بومبايدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسىدە 8 نەپەر تېررورچىنى ئېتىپ تاشلاپ، تېرروچىلار گۈرۆگە ئېلىۋالغان كۆپ ئادەمنى قۇتقۇزغان بولسىمۇ، ئەمما ھىندىستان خەلقى يەنىلا ئۇلاردىن، ئۇچتۇمتۇت يۈز بەرگەن ھادىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇشى تېز بولمىدى، دەپ نارازى بولغان ئىدى.
بۇ قېتىم ماۋچىلارغا زەربە بېرىدىغانلار ھىنىدستاننىڭ پەۋقۇلئاددە قىسىملىرى
ئەمما بۇ قېتىم تۆت رايوندا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھىنىدستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى تېررورچىلارنىڭ ئۇچتۇمتۇت قوزغىغان ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، تېررورچىلار گۈرۆگە ئېلىۋالغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش، تېررورچىلار ئورۇنلاشتۇرغان پارتلاتقۇچلارنى بايقاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش جەھەتلەردە، يۇقىرى ئۆلچەم بۇيىچە مۇكەممەل ھەربىي تەلىم كۆرگەن پەۋقۇلئاددە قىسىملار ئىكەن.
خىتاي ھازىر ھىندىستان چېگرىسىغا ئەسكەر كۆپەيتمەكتە
بۈگۈن ' بوشۈن تور بېتى' دە بايان قىلىنىشىچە، گەرچە خىتاي - ھىنىدستان چېگرىسى تىنچتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھازىر چېگرىدا جىددىيلىك باشلاندى. ھىندىستان يېقىندا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا 60 مىڭ ئادەم قوشقاندىن كېيىن، خىتاينىڭ چېگرىغا ئەسكەر كۆپەيتىپ ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتۆش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەكتە.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي - ھىنىدستان چېگرىسىدىكى ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى جەھەتتە خىتاي ھازىر ئۈستۈنلۈككە ئىگە. ھازىر خىتاينىڭ تۆمۈر يول ئارقىلىق ھەربىي ئەشيا يۆتكىشى قولاي بولۇپلا قالماي، بەلكى خىتاينىڭ تېبەتنىڭ ئالى رايونىدا قۇرغان يولۋاس بولاق ئايرودرومىنىڭ ئايرۇپىلان ئۇچۇرۇش يولى 4500 مېىتر، بۇ ئايرودرومغا خىتاينىڭ سۇخۈي - 27، بومباردىمانچى - 6، يۈكچى - 8 بەلگىلىك ئايرۇپىلانلىرى قونالايدۇ. دېمەك، ھىنىدستاننىڭ شىمال تەرىپىدىكى مىڭ كىلومېتىرلىق دائىرە ھازىر خىتاي ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ زەربە بېرەلەيدىغان دائىرىسى ئىچىدە.
بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي - ھىنىدستان چېگرىسىنىڭ غەربىي قىسمىغا خىتاينىڭ 13 چېگرا پولكى ۋە تىبەت ئېگىزلىكىدە ئۇرۇش قىلىدىغان 52 - ۋە 53 - پىيادە قىسىم بېرىگادىسى، شەرقىي قىسمىغا بولسا 13 - بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ 149 - دېۋىزىيىسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغان. خىتاي ھازىر يەنە 21 - بىرلەشمە ئارمىيىسنىڭ 61 - دېۋىزىيىسىنى دەرھال تىبەتكە ياردەمگە بېرىشقا تەييارلاپ قويغان.
داۋاسېرىن: خىتاي تىبەتنىڭ دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرۇپ چېگرا مەسىلسى ھەل بولمايدۇ
ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان تىبەت زىيالىيسى داۋاسېرىننىڭ بايان قىلىشىچە، تىبەت ئۆزى مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇپ تۇرۇۋاتقان يىللاردا، تىبەت بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنى خىتاي ھازىر ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئەمما ھىنىدستان ئېتىراپ قىلىدۇ. تىبەتنىڭ تارىختىن قالغان دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش - قىلماسلىق مەسىلىسى، ھازىر خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرىدا جىددىيلىك كېلىپ چىقىشقا سەۋەبچى بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
داۋاسېرىننىڭ قارىشىچە، ھازىرقى شارائىتتا، خىتاي تىبەتنىڭ تارىختىن قالغان دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرۇپ، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس.