ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستىخبارات خادىمى: ھىندىستان خىتاي بىلەن جەڭ قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا

خىتاينىڭ ھىندىستان-خىتاي ئارىسىدىكى چېگرا ئىختىلاپىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى بارغانچە ئۆزگىرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھىندىستان تەرەپنى ئەنسىرىتىشكە باشلىغان.

0:00 / 0:00

ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن جەڭ قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر خىتاي ھەربىي خامچوتىنى ھەدەپ كۆپەيتىپ ھەربىي تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان ھەمدە ھىندىستان فرانسىيىدىن رېئاكتىپ كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پەيتلەردە ئوتتۇرىغا چىقتى.

31-يانۋار سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئورگىنىڭ دىرېكتورى جەيمىس كلەپپېر بۇ ھەقتە توختىلىپ، نۆۋەتتە ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن «چەكلىك دائىرىدە» ئۇرۇش قىلىشقا تەييار تۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جەيمىس كلەپپېر بۇ ھەقتىكى پىكىرلەرنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتىغا بەرگەن دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: گەرچە ئۇلار ئوچۇق-ئاشكارا سورۇنلاردا ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى جىددىيلىكىنى يوقتەك كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، بىزنىڭ ھۆكۈمىمىزچە ھىندىستان خىتاينىڭ چېگرا مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى، بېيجىڭنىڭ ھىندى ئوكيان ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونلىرىدىكى تاجاۋۇزكىرانە ھەرىكەتلىرىدىن بارغانچە ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى.

خىتاي ھەربىي ئىقتىدارىنى بولۇپمۇ دېڭىز ئارمىيە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يېقىنقى يىللاردىن بېرى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ۋە ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا ئۆزىنىڭ تۇنجى ئاۋىئاماتكىسىنى سىناق قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ 2020-يىلىغا كەلگۈچە ئاۋىئاماتكىدىن ئەڭ ئاز دېگەندە 4 نى ياساپ چىقىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

يۇقىرىقى ۋەزىيەت تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتقان جەيمىس كلەپپېر: ھىندىستان ئارمىيىسى خىتاي-ھىندىستان توقۇنۇشى پات ئارىدا يۈز بەرمەيدۇ دەپ ئىشەنسىمۇ، ئەمما ھىندىستان ھەربىي دائىرىلىرى ئۆز ئارمىيىسىنىڭ تالاش-تارتىشتىكى چېگرانى ياقىلاپ خىتاي بىلەن چەكلىك دائىرىدە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ ھەمدە خىتاينىڭ ھىندى ئوكياندىكى تەسىر كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

كلەپپېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى ھىندىستان ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى كۈچلۈك ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى قوللايدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ھىندىستاننىڭمۇ ئۆز ھەربىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىلغار ھەربىي قوراللارنى كۆپلەپ سېتىۋېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھىندىستان فرانسىيىدىن 11 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى 126 دانە رېئاكتىپ كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئايروپىلانلاردىن 18 دانىسى كەلگۈسى 3 يىل ئىچىدە ھىندىستانغا يەتكۈزۈلىدىكەن، قالغان 108 دانىسى ھىندىستان دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كۈرەشچى ئايروپىلان زاۋۇتىدا ياسىلىدىكەن.

نۆۋەتتە ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ياسالغان 700 كۈرەشچى ئايروپىلانى بار بولۇپ، ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسى بۇدا سېتىۋالغان بۇ بىر تۈركۈم ئايروپىلانلار بىلەن دۇنيادىكى 4-چوڭ ھاۋا ئارمىيىگە ئايلىنىدىكەن.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيىسى ھىندىستاننىلا ئەمەس ئامېرىكىنىمۇ ھەربىي ئىستراتېگىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلغانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكا تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ سابىق شتاب باشلىقى جەيمىس ليونس چارشەنبە كۈنى «ۋاشىنگتون ۋاقىت» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيە تەرەققىياتى ئامېرىكىنى نىشان قىلغانلىقى ھەمدە خىتاينىڭ ئاللىبۇرۇن ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ئوبزورىدا، ئامېرىكا نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئاۋىئاماتكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرەلەيدىغان ئۇزۇن مۇساپىلىك ئۇچقۇسىز «كۈشەندە» ئايروپىلانلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقى، ئەمما بۇنىڭ يەنە يېتەرلىك ئەمەسلىكى، شۇڭا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ خىتاي بومبىلىرىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

جەيمىس كلەپپېرمۇ چارشەنبە كۈنىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىندا خىتاينىڭ ھەربىي ئىقتىدارى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە خىتاينىڭ كەلگۈسى ھەربىي تەرەققىياتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامامۇ 2011-يىلىنىڭ ئاخىرى ئامېرىكىنىڭ يېڭى مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونلىرىدا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى يەنە كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە ئاۋسترالىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە يېڭى ھەربىي بازىلارنى قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان ئىدى.