ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل-ھەربىي ئالاقە
بۇ ئۇچرىشىشتىكى ئەڭ يېڭىلىق شۇكى، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ھەربىي دىئالوگنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پۈتۈشۈلگەن بولۇپ، ھىندىستان بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خۇ بىلەن مانمۇخان ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ئالاقىسى ۋە ھەربىي ساھەدە ئوز-ئارا زىيارەت قىلىش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر بىرلەشمە ئورگان قۇرۇپ، چېگرا ئىشلىرىنى نورماللاشتۇرۇش ھەم بۇ ئارقىلىق چېگرا تالاش-تارتىشلىرىنى ئورتاق بىر تەرەپ قىلىشقا قوشۇلغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى يىلى خىتاي تەرەپ ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان جايدىكى بىر گېنېرالغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ھىندىستان خىتاي بىلەن بولغان ھەربىي ئالاقىنى ئۈزۈۋەتكەن، بۇنىڭ ئەكسىچە ئامېرىكا ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئەللەر بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتكەن ئىدى.
ھىندىستان گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا، ئىككى رەھبەر ئارىسىدىكى 50 مىنۇتلۇق سۆھبەت نەتىجىسى سۈپىتىدە، ھىندىستاننىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ يىل 6-ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىدىكەن، بۇ جەرياندا ئىككى تەرەپ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. كەلگۈسىدە ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ مۇددىئاسىنىڭ يەنىلا تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئۆتكۈزۈلۈش مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.
«ھىندىستان» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ سودا-ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلىرى مەسىلىسى ھەققىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بۇ ساھەلەرنى كۈچەيتىشكە قوشۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل ئىككى مەملىكەت سودىسىنىڭ 60 مىليارد دوللارغا يېتىشى پىلانلانغان.
ئۇنتۇلۇپ كېتىلمىگەن چېگرا ئۇرۇشى
ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى چېگرا لىنىيىسىنىڭ 3500 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئىكەنلىكى مەلۇم. 1949-يىلى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا، ھىندىستان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى دەسلەپتە ئېتىراپ قىلغان مەملىكەت بولۇشىغا قارىماي، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى چېگرا ئىختىلاپ ئىزچىل داۋاملاشقان، 1959-يىلىدىن باشلاپ توقۇنۇش دەۋرىگە كىرگەن بولۇپ، 1962-يىلى، كەڭ كۆلەمدە چېگرا ئۇرۇشى يۈز بېرىپ، ئىككى تەرەپ بۇ ئۇرۇش ئۈچۈن زور ساندا ئەسكىرىي كۈچىنى ئىشقا سالغان ئىدى.
ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭ قارىشىچە، 1962-يىلىدىكى ھىندىستان-خىتاي ئۇرۇشى شەرقىي ۋە غەربىي ئىككى لىنىيە بويىچە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ھىندىستان قوشۇنلىرىنىڭ غەربىي سەپتىكى ھۇجۇملىرى 1945-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئاخىرقى بىر قىسمى، يەنى، 3-ئاتلىق پولك دەپ ئاتالغان قىسىم تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان ئىدى.
گەرچە چېگرا ئۇرۇشى خىتاينىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى چېگرا ئىختىلاپ ھېچقاچان توختاپ قالمىغان شۇنىڭدەك يېقىندىن بۇيان ئارۇناچال مەسىلىسى، تىبەت ۋە ئاقسايچىن ھەمدە كەشمىر مەسىلىلىرىگە باغلىنىپ، ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتى، ھەتتا يېقىندا ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسىملىرىنىڭ بىر نەپەر گېنېرالى خىتاينىڭ ھىندىستانغا ھەربىي تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
رۇسىيە، ھىندىستان-خىتاي ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ۋاسىتىچى ئامىل
ھىندىستان-خىتاي ھەمكارلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان تۈرلۈك ئامىللار مەۋجۇت. بۇلارنىڭ رۇسىيە ئامىلى يەنىلا مۇھىمدۇر. ھىندىستان سوۋېت-خىتاي رەقىبلىك دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقچىسى سۈپىتىدە زور ياردەملەرگە ئېرىشكەن ۋە ھەربىي تېخنىكا جەھەتتىن راۋاجلاندۇرۇلغان ئىدى. ھىندىستان بۈگۈنكى كۈنلەردىمۇ رۇسىيە بىلەن يېقىن ھەربىي ھەمكارلىققا ئىگە بولۇپ، ھىندىستان ئۆز ئارمىيىسىنى رۇسىيىنىڭ ئەڭ ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى بىلەن قوراللاندۇرغاندىن سىرت يەنە ئۇزاق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئاۋىئاماتكا، ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلان ھەم ھەربىي ئۇچۇر تېخنولوگىيىسى قاتارلىق كۆپ ساھەلەردە خىتايغا تەھدىت پەيدا قىلالايدىغان سەۋىيىگە يەتكەن شۇنىڭدەك ئاسىيادىكى خىتاي بىلەن تەڭ قۇدرەت تېپىۋاتقان مەملىكەتكە ئايلانغان.
ھىندىستان سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كېيىنكى رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتلەردىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ ئىزچىل تۈردە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ھازىرقى رۇسىيە فېدېراتسىيىسى بىلەن خىتايغا قارىغاندا قويۇق ۋە ئىشەنچلىك ھەمكارلىقنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى. موسكۋا ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ كەلگەن، 1959-يىلى خرۇشېۋ ۋە ماۋزېدوڭ دەۋرىدە خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىدىمۇ موسكۋانىڭ ھىندىستاننى ھىمايە ئاستىغا ئېلىپ، خىتاينى ئەيىبلىشى رول ئوينىغان ئىدى.
ھازىرقى كۈنلەردىمۇ ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىق يولىغا مېڭىشىدا تۈرلۈك ئامىللار مەۋجۇت بولۇپ، بۇنىڭدا رۇسىيىنىڭ تەشەببۇسچىلىقىدىن باشقا يەنە ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئارىسىدىكى كەشمىر مەسىلىسى، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى تىبەت مەسىلىسى قاتارلىقلارمۇ مۇھىم ئامىللار ئىدى. تىبەت مەسىلىسى تۈپەيلىدىن خىتاي تەرەپ دائىم پاكىستاننى قوللاش ۋە قوراللاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، چۈنكى، 1959-يىلىدىكى تىبەت قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ھىندىستان تىبەتلەر ھەرىكىتىگە يول قويۇش پوزىتسىيىسى تۇتقان ھەمدە دارىمسالا رايونىنى تىبەتلەرنىڭ مەركىزىي سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى قوللىغان ئىدى. بۇ خىتاينىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ بولۇپ، شۇ سەۋەبلەردىن تىبەت مەسىلىسى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا باشتىن ئاخىرى نازۇك ۋە مۇھىم تېما بولۇپ كەلمەكتە. خىتاي ھىندىستاندىن تىبەت مۇستەقىللىقىنى قوللىماسلىقنى ئىزچىل تەلەپ قىلغان.
ھىندىستان «ئالتۇن كېسەك گۇرۇھى» دا
ھىندىستان رۇسىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن رۇسىيە، خىتاي، برازىلىيە بىلەنمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئۆزىنىڭ دۇنياۋى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا. 14-ئاپرېل كۈنى، خىتاي، رۇسىيە، ھىندىستان ۋە برازىلىيىدىن ئىبارە «ئالتۇن كېسەك گۇرۇھى» غا مەنسۇپ، دۆلەتلەرنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى خىتاينىڭ خەينەنداۋ ئارىلىدىكى سەنيا شەھىرىگە جەم بولۇپ، يىغىن چاقىرىپ، ئاخىرىدا سەنيا خىتابنامىسى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇلار ئۆز خىتابنامىسىدە، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىن باشقا يەنە بىرلىكتە لىۋىيە ھەمدە ئەرەب دۇنياسىدا قورال ئىشلىتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئاساسلىق تەشەببۇسكارلىقى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر يىغىن ئېچىلغان ۋاقىتتا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدە تەشكىلاتىمۇ يىغىن چاقىرىپ، لىۋىيىدىكى بومباردىمانلارنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقى، كازافىي كۈچلىرىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ھىندىستان بۇ قېتىم ناتونىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قارشى رۇسىيە ۋە خىتاي تەرەپتە تۇرۇش يولىنى تاللىۋالغان.
رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەنيادىكى يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ ۋە ھىندىستان باش مىنىستىرى مانمۇخان سىڭك ئايرىم ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زورلۇقىنى تەكىتلەشكەن ھەمدە مانمۇخان سىڭك سابىق پرېزىدېنت ۋە ھازىرقى باش مىنىستىر پۇتىننىڭ ھىندىستان بىلەن رۇسىيىنىڭ قويۇق ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىغا قوشقان تۆھپىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ، ۋلادىمىر پۇتىن ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئورنىتىشى ۋە راۋاجلىنىشىدا ئاكتىپ ۋاسىتىچىلىك رولى ئوينىغان بولۇپ، چۈنكى بۇ چاغدا رۇسىيە بىلەن خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرۈپ بولغان ئىدى. بۇ قېتىممۇ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئاكتىپلىقى بىلەن ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى گۇرۇھىنىڭ يىغىنى ئېچىلىشىغا باغلىق ھالدا ھىندىستان بىلەن خىتاي ئالىي رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئۇچرىشىش ھەم ھەربىي ئالاقىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. بۇنىڭدا رۇسىيىنىڭ ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش مۇمكىن ئەمەس.