ھىندىستان بىلەن خىتاينى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.01.29
2010.01.29
AFP Photo
خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا تىبەت مەسىلىسى بار، بۇ ئارۇناچال مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا بولسا كەشمىر مەسىلىسى بار، بۇ مەسىلە يەنە ئاقسايچىن مەسىلىسى ئارقىلىق خىتايغا تاقىلىدۇ. بۇ ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىلىرى جىددىيلەشكەندە، بۇرۇن ئۇرۇش يۈز بەرگەن، ھەل بولمىغان. ھازىر بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەممىسى ئاتوم قوراللىرىغا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئىگە. بۇلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چېگرا مەسىلىسىنى سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن تېرىشىۋاتىدۇ، لېكىن تېخىچە ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل بولمىدى. مەسىلە پات پات جىددىيلىشىپ قالىدۇ.
ھازىر خىتايمۇ، ھىندىستانمۇ ئىقتىسادىنى تېز تەرەققى قىلدۇرۇۋاتىدۇ، ئالەم بوشلۇقى پەنلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىمۇ ئىلگىرىلەش تېز. خىتاي ھىندىستاننىڭ چېگرادىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئالەم بوشلۇقىدىن كۆزىتىپ تورالىسا، ھىندسىتانمۇ خىتاينىڭ چېگرادىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئالەم بوشلۇقىدىن كۆزىتىپ تۇرالايدۇ. ئېغىر زىددىيەت ئىچىدە تۇرغان خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئەھۋالىدا قانداق پەرقلەر بار؟
29 - يانۋار 'بوشۈن تور گېزىتى' دە، خىتايدىكى مۇستەقىل يازغۇچى ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندىنىڭ ھىندىستاننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن يازغان 'ھىندىستان ياخشىمىكەن ياكى خىتايمۇ؟' دېگەن ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ئاپتور ماقالىسىنى مۇنداق دەپ باشلايدۇ: مەن تونۇيدىغان بىرسى ھىندىستاننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن يازغان ماقالىسىدە 'يېڭى دېھلىنىڭ ئەڭ ئاۋات بازىرىنى بىزنىڭ بېيجىڭدىكى ۋاڭفۇجىڭ بازىرىغا ئەمەس، بەلكى جەنۇبتىكى ھەر قانداق بىر ئوتتۇرا ھال ناھىيىنىڭ قالايمىقان بازىرىغىمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدىكەن' دەپ يازغان ئىدى. ئۇنىڭ تەسۋىرلىشىچە، ھىندىستاننىڭ پايتەختىدىكى بىردىنبىر پويىز ئىستانسىسى ھەم ئاددى، ھەم پاسكىنا، ھەم قالايمىقان، خىتاينىڭ 50 - يىللاردىكى پويىز ئىستانسىلىرىدىنمۇ سەت ئىكەن. ھنىدىستاندا ئاممىۋىي سورۇنلارنىڭ باشقۇرۇلۇشى ۋە ئەسلىھەلىرى، مېھمانخانىلاردىكى شامالدۇرغۇچلارنىڭ ئەبگالىقى، خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى ئەھۋالىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن.
-- ئۇ بارغان ھىندىستانغا مەنمۇ باردىم، - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، - ئۇ زىيارەت قىلغان جايلارنى مەنمۇ زىيارەت قىلدىم. ئۇ ھىندىستاندا كۆرگەن قەلەندەرلەرنى، نامرات - غۇرۇبالارنى، ئەخلەتلەرنى مەنمۇ كۆردۈم. بىر قاراشتا ھىنىدستاننىڭ زامانىۋىيلىششى خىتايغا يەتمىگەندەك تۇرسىمۇ، ئەمما تازا چۆكۈپ ئۇققاندىن كېيىن، مەن خىتايدىن پەخىرلەنمىدىم.
'ھىندىستان ياخشىمىكەن ياكى خىتايمۇ؟' دېگەن بۇ ماقالىدە مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: مەن ھىندىستاندا پويىزلارنىڭ بىكەت يوق جايلاردىمۇ توختاپ، تەلەپ قىلغان يولۇچىنى چۈشۈرۈپ قويۇپ ياكى توپلىشىپ تۇرۇپ قول كۆتۈرگەن كىشىلەرنى ئېلىپ ماڭغانلىقىنى، ھەتتا ھەر بىر پويىزدا بېلەت تەلەپ قىلمايدىغان ئورۇندۇقسىز ۋاگۇندىن بىر نەچچىسى بارلىقىنىمۇ كۆردۈم. بۇ، 'زامانىۋىيلاشقانلىق' بولمىسىمۇ، ئەمما ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتىن مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى.
ھىنىدستاندا پۈتۈن خەلق پۇلسىز داۋالىنىدىكەن. ئەمما خىتايدا بىر ئادەم ئېغىر كېسەلگە گېرىپتار بولسا، پۈتۈن ئائىلىسى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تۈگىشىدۇ. خىتايدا مۇتەخەسسىسلەر 'بىزدە ئادەم كۆپ، پۇلسىز داۋالاشنى يولغا قويغىلى بولمايدۇ' دەپ ئىسپات بېرىپلا تۇرىدۇ. ئەمما مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈمكى، نوپۇسى خىتاي بىلەن ئانچە چوڭ پەرقلەنمەيدىغان، بەلكى خىتايدىن نامرات ھىندىستاندا بار ئەۋزەللىك خىتايدا ھەرگىز يوق.
'ھىندىستان ياخشىمىكەن ياكى خىتايمۇ؟' دېگەن بۇ ماقالىدە مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: ھىندىستاندا گېزىت چىقىرىش، كىتاب نەشر قىلىش ئەركىن ئىكەن. ئەمما خىتايدا ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى ھۆكۈمەت كونترول قىلىۋالغان. ھىندىستاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملىشىشى خىتايدىكىچىلىك بولمىسىمۇ، ئەمما ھىنىدستاندا، خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى توساش ئۈچۈن ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان 'ئوت توساق' يوق ئىكەن.
ھىندىستان جەمئىيىتىدە ئىجتىمائى تەشكىلاتلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تىزىمغا ئالدۇرۇپ قۇرۇلغان قانۇنلۇق تەشكىلاتلار ئىكەن. ھىندىستاندا مەھەللە جەمئىيەتلىرى ناھايىتى تەرەققى قىلغان، ئەمما خىتايدا خەلق تىزىمغا ئالدۇرۇپ تەشكىلات قۇرسا، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئېزىشىدىن، قاقتى - سوقتى قىلىشىدىن ھەرگىز قۇتۇلالمايدۇ.
'ھىندىستان ياخشىمىكەن ياكى خىتايمۇ؟' دېگەن بۇ ماقالىدە مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: ھىندىستاندا گەرچە شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلۇشى ناچار، قالايمىقان، ھەتتا مەينەتتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ھىنىدىستاندا ھۆكۈمەت خەلقنى ئۆي - زېمىنىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرىۋەتمەيدىكەن. ھىنىدىستاندا دۆلەت پۇقرالىرىنى خالىغانچە قاقتى - سوقتى قىلىدىغان 'شەھەر باشقۇرغۇچىلار' يوق. ھىنىدىستاننىڭ يېزىلىرىدا ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ئۆيلىرىدىن ئېلىپ كېتىپ يەنە ئەكىلىپ قويىدىكەن. ئەمما خىتاينىڭ شەھەرلىرىدىمۇ ئوقۇغۇچىلار بۇنداق تەمىناتتىن بەھرىمان بولالمايدۇ.
مەن ھىندىستاندا ئىككى ئاي ساياھەت قىلىدىم، بۇ جەرياندا ئۆز - ئارا ۋاقىراپ تىللىشىپ، مۇش ئېتىشىۋاتقان ئادەملەرنى كۆرمىدىم. ساقچىلارنىڭ ئادەم ئۇرغىنىنى كۆرمىدىم. ئاشكارا لۆكچەكلىك قىلىۋاتقانلارنى كۆرمىدىم. دىنىي مەركەزلەرنى زىيارەت قىلىۋاتقان، ئۆز ئىختىتيارى بىلەن يوللارنى ياساپ قويۇۋاتقان ئادەملەرنى كۆپ كۆردۈم. ھىنىدىستانلىقىلار پۇلى بار بايدەك كۆرۈنمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشى ناھايىتى باي ئىكەن.
'ھىندىستان ياخشىمىكەن ياكى خىتايمۇ؟' دېگەن بۇ ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: ماڭا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى شۇكى، يۇرتىدىكى ئازاپقا چىدىماي قېچىپ چىققان يۈز مىڭلىغان تىبەتلەرنى ھىندىستان قوينىغا ئاپتۇ. ئۇلارنى تۇرالغۇ، مائارىپ ۋە پاراۋانلىق بىلەن تەمىنلەپتۇ. تىبەتلەرنىڭ ئۆز جەمئىيەتلىرىنى قۇرۇپ، ئۆز مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا يول ئېچىپ بېرىپتۇ. ئەمما مەن خىتايدا، جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ چېگرىدىن قېچىپ، خەلقئارا قائىدە بۇيىچە پاناھلىق تىلەپ كەلگەن شىمالىي كورىيىلىكلەرنى تۇتۇپ باغلاپ قايتۇرۇپ، بىۋاستە ئۆلۈمگە يوللاپ بېرىپ تۇرغاننى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن. 'ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ قايسى ياخشىكەن ؟ ئۆزىڭىز سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.