ئاسانگى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭ تور بېتىدە سىر ئاشكارىلاش توختاپ قالمىدى

ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى 250 مىڭ پارچە مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارىلىۋەتكەن ئاۋسترالىيىلىك ژۇرنالىست، نەشرىياتچى جۇلىيان ئاسسانگى بۈگۈن لوندوندا قولغا ئېلىندى. ئەمما ئاسانگى قۇرغان تور بېتىدە سىر ئاشكارىلاش يەنىلا داۋاملاشماقتا. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ۋەلى بۇ ھەقتىكى يېڭى ئۇچۇرلارنى تونۇشتۇرىد

0:00 / 0:00

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن لوندون ساقچى دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى 250 مىڭ پارچە مەخپىي ھۆججەتنى تۈركۈملەپ ئاشكارىلاشقا باشلىغان ئاۋسترالىيىلىك ژۇرنالىست، نەشرىياتچى جۇلىيان ئاسسانگىنى، شۋېتسىيىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىغا ئاساسەن لوندوندا قولغا ئالدى. شۋېتسىيىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى ئىككى خانىمنىڭ بۇ يىل 8‏- ئايدا ئاسانگى ئۈستىدە يوللىغان شىكايەتنامىسىغا ئاساسەن چىقىرىلغان. جۇلىيان ئاسانگى شۋېتسىيىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىدا باسقۇنچىلىق ۋە جىنسى پاراكەندىچىلىك سېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ ئەيىبلەنگەن.

سوتچى ئاسسانگىنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇش بۇيرۇقى چىقارغان

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خەلقئارادا كەڭ قوللىنىلىۋاتقان 'ۋىكى ئېنسىكلوپېدىيىسىنىڭ تەركىبىگە كىرگۈزۈپ 'ۋىكىلىكس' يەنى سىر ئاشكارىلاش دەپ نام قويۇپ قۇرۇلغان بىر ئىنتېرنېت تور بېتىنى قۇرغان جۇلىيان ئاسسانگى، بۈگۈن لوندوندىكى بىر سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغاندا ئەيىبلەشنى رەت قىلغان. سوتچى ئاسسانگىنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇپ، دەلىللەرنى ئېنىقلاش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

خىتاي ئاسانگىنىڭ تور بېتىنى بوغۇپ تاشلىماقچى

ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا شتاتىدا تۇرۇشلۇق مۇستەقىل مۇلاھىزىچى جۇ شۆيۇەننىڭ تور گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى ئاگېنتلىرىغا، ئاسانگى ئاشكارىلىغان سىرلارنىڭ ئىچىدىكى خىتايغا ئائىت 16 ئۇچۇرنى رەتلىگۈزۈپ چىققان.

ئاسانگىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى شۋېتسارىيە بانكىسىدا ئاچقان ھېساب 5 مىڭ. ئۇنىڭ ئۈچتىن 2 قىسمى خىتاي مەركىزى كومىتېت ئەمەلدارلىرىنىڭ. ئۇلارنىڭ خوتۇن -بالىلىرىنىڭمۇ ئايرىم- ئاچقان ھېسابلىرى بار. يەنە 250 ئەمەلدار ھېساب ئاچقاندا ئىسمىنى يوشۇرغان.

ئاسانگىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئادەتتە خىيانەت قىلغان پۇللىرىنى خوڭكوڭ ئارقىلىق يۇيىدۇ. خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خوڭكوڭ بانكىچىلىرى ئىچىدە شېرىكى بار، جاڭ زېمىن بىلەن تاڭ يىڭنيەن، زېڭ چىڭخۇڭ بىلەن زېڭ يىڭچۇەن، ۋېن جياباۋ بىلەن لى جياچېڭ، شى جىنپىڭ بىلەن خو يىندۇڭ شېرىك. خىتاينىڭ بۇلاردىن كېچىك ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرى خىيانەت قىلغان، پارا ئالغان پۇللىرىنى، خوڭكوڭدا زىبۇزىننەت دوكىنى ئاچقان ليۇ فامىلىلىك خانىم ئارقىلىق يۇيۇپ، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۆتكەيدۇ.

ئاسانگىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بولسا خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ چەتئەللەر بىلەن ئالاقىلىشىش ئورگانلىرى، بىرلىكسەپ تارماقلىرى شۋېتسارىيە بانكىسىدا ئاچقان ھېسابلار ئارقىلىق چەتئەللەردە پۇل يۇيىدۇ.

ئاسانگىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جۇ يۈڭكاڭنىڭ كانادادا 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلىغى بار. بۇ مەبلەغنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ۋە خىتاي ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ كانادا مەكتەپلىرىدىكى شۆبىلىرى ئارقىلىق يۈرۈشتۈرىدۇ.

ئاسانگىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھكفب بانكىسىنىڭ خوڭكوڭدىكى، ئاۋسترالىيىدىكى خىتايچە خۈيفېڭ دەپ ئاتىلىدىغان شۆبىلەردىكى ھېساباتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، چېن شۇيبيەن تەيۋەننىڭ يادرو قوراللىرىنى ھازىرقى تەيۋەن ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن.

ئاسانگىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ ئۆزىنىڭ يادرو قوراللىرى يوق، ئۇ دۆلەتتىكى يادرو قوراللارنى خىتاي ئورۇنلاشتۇرغان، خىتاي گەرچە ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدە، سۆھبەتلا قىلىپ، قارار ئېلىشقا قارشى تۇرۇپ كەلدى، شىمالىي كورىيىنى ئۇرۇشقا ئىتتىرىپ قويۇپ ئۆزى تاماشا كۆرمەكچى بولدى.

ئاسانگىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نيۇيوركتا خىتاي ئامېرىكىدىن سېتىۋالغان زايومنىڭ پايدىسى بىۋاسىتە كىرىم بولۇپ تۇرىدىغان بىر نەچچە يۈز بانكا ھېساباتى بار، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ چىسەن بىلەن خىتاي بانكىسىنىڭ باشلىقى جۇ شاۋچۇەنلەرنىڭ خوتۇن -بالىلىرى ئاچقان ھېساباتلار بار.

جۇ شۆيۇەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھازىر، يىللاردىن بۇيان دۇنيادىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان مەخپىيەتلىكىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ئاشكارىلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كۈچ توپلاپ ئاسانگىنىڭ سىر ئاشكارىلاش تور بېتىنى پۈتۈنلەي بوغۇپ تاشلىماقچى بولۇۋاتىدۇ.

ئاسانگى ئاشكارىلىغان خىتاي -ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىگە دائىر مەخپىي دوكلاتلار

ئاسانگى يەنە ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى يوللىغان خىتاي -ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىگە دائىر مەخپىي مەلۇماتلارنىمۇ ئاشكارىلىغان. ئەنگلىيىدە چىقىدىغان 'مۇھاپىزەتچى' گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، 2008‏- يىلى ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى خىتايدىن ئالغان مەلۇماتلار ئاساسىدا يوللىغان مەخپىي دوكلاتىدا 'بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەريانىدا، ئەل-قائىدىچىلەر ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشقا ۋە ئەنگلىيە رەھبەرلىرىدىن براۋن ۋە مىلىباندلارغا تەھدىت سالىدىكەن؛ ئالبانىيە ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار قەشقەردە خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىدىكەن؛ خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانچىلارغا ۋە تىبەتچىلەرگە زەربە بېرىدىكەن' دەپ بايان قىلىنغان.

ئاسانگى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىنمۇ سىر ئاشكارىلاش توختاپ قالمىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاسانگى بۈگۈن لوندوندا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىنمۇ، ئاسانگى قۇرغان ئىنتېرنېت تور بېتىدە سىر ئاشكارىلاش توختاپ قالمىدى. بەلكى بۇ تور بەت 'بۈگۈن كېچىدە يەنە تېخىمۇ كۆپ مەخپىي ھۆججەتنىڭ سىرى ئاشكارىلىنىدۇ' دەپ ئالدىن ئېلان چىقاردى. بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئاسانگىنىڭ سىر ئاشكارىلاش تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارنى ئەنگلىيىنىڭ 'مۇھاپىزەتچى' گېزىتى'، ئامېرىكىنىڭ 'نيۇ-يورك تايمىس گېزىتى'، گېرمانىيىنىڭ 'ئەينەك گېزىتى'، ئىسپانىيىنىڭ 'دۆلەت گېزىتى' قاتارلىق بەش چوڭ گېزىت كۆچۈرۈپ بېسىۋەرگەن ئىدى.