ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئالدىدا تۈنۈگۈنگە قەدەر توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن ئۇيغۇر چارۋىچىلار توقسۇندىن كەلگەن يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن قايتۇرۇپ ئەكېتىلگەندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز بۈگۈن توقسۇندىكى يەرلىك دائىرىلەردىن مەلۇمات ئىگىلىدى. غولبۇيى يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇللىرى، 410 مو يايلاقنىڭ ئۇيغۇر چارۋىچىلارنىڭ قولىدىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ 88-نومۇرلۇق ھۆججىتى سەۋەب بولغانلىقىنى، بۇ ھۆججەتكە، تەيىنلەنگەن رەئىس نۇر بەكرىنىڭ قول قويغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپان ۋىلايىتى ئارىسىدىكى يايلاق تالاش-تارتىشى 15 يىلنىڭ ئالدىدا باشلانغان. تۇرپان ۋىلايىتى مەزكۇر يايلاقلاردا توقسۇنلۇق چارۋىچىلارنىڭ تارىختىن بۇيان مال بېقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ يايلاقلارنىڭ تۇرپان ۋىلايىتىگە تەۋە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۈرۈمچى دائىرىلىرى بولسا، مەزكۇر يايلاقلارنىڭ تۇرپاننىڭ مەمۇرى خەرىتىسىنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ يايلاقلارنىڭ ئۈرۈمچىگە ماكانلاشقان خىتاي كۆچمەنلىرىگە تەۋە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دەسلەپكى 10 يىللىق تالاش-تارتىشتا، تۇرپان ۋىلايىتى بىر قىسىم يايلاقلارنىڭ ئۈرۈمچى تەۋەلىكىگە ئۆتۈشىگە ماقۇل بولغان ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە ئۈرۈمچى شەھىرى يايلاق ئىگىلىرىگە تۆلەم بېرىشكە ۋەدە بەرگەن. بۇ بويىچە، خىتاي كۆچمەنلىرى توقسۇنلۇق چارۋىچىلارنىڭ يايلاقلىرىنى ئەركىن-ئازادە ئىگىلەپ، بۇ جايدا چارۋا بېقىشقا، ئورمان بەرپا قىلىشقا ۋە زاۋۇت-كارخانا قۇرۇشقا باشلىغان. بىراق ۋەدە ئەمەلىيلەشمىگەن.
ئۇيغۇر چارۋىچىلار 3 پۇڭدىن جايلىق يەردىن باشقا ھېچ نېمىگە ئېرىشەلمىگەن؛ نەتىجىدە ئۇيغۇر چارۋىچىلار يايلاقلاردىن چېكىنىشنى رەت قىلغان. يايلاقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بەزىدە خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن جېدەللەشكەن، بەزىدە قانۇنىي يول تۇتۇپ بېيجىڭغىچە ئەرز قىلىپ بارغان.
دەل مۇشۇ پۇرسەتتە 2008-يىلىغا كەلگەندە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 88-نومۇرلۇق ھۆججەت چۈشۈرۈپ مەزكۇر يايلاقنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى ھەققىدە ئاخىرقى قارارىنى بەرگەن ۋە كېلىشىم تەييارلىغان، كېلىشىمگە تۇرپان ۋىلايىتى توقسۇن ناھىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى مەجبۇرىي ھالدا قول قويغان. كېلىشىم بويىچە، ئۈرۈمچى-تۇرپان ئارىلىقىدىكى 410 مىڭ مو يايلاقتىن، ئۇيغۇر چارۋىچىلار شەرتسىز چېكىنىشكە بۇيرۇلغان. ئۈرۈمچىنىڭ مەمۇرى باشقۇرۇشىدىكى ئالغۇي يېزىسىنى توقسۇن ناھىيىسىگە قېتىپ بەرگەن. نەتىجىدە، توقسۇنلۇق چارۋىچىلار، يايلاقلىرىدىن چېكىنگەن؛ ئەمما خىتاي كۆچمەنلىرى ئالغۇيدىن چېكىنمىگەن. بۇنىڭ بىلەن توقسۇن چارۋىچىلىرى 410 مىڭ يايلىقىدىن ئايرىلىپ قالغان. مانا بۇ ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۆججەتكە، تەيىنلەنگەن رەئىس نۇر بەكرى قول قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ چارۋىچىلارنىڭ يايلاقلىرىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ قوتانلىرىغىمۇ تۆلەم بېرىلمىگەن. دائىرىلەر ئەينى ۋاقىتتا بۇ چارۋىچىلارغا سېتىپ بەرگەن 3 پۇڭ جايلىق يەرنى ئەمدىلىكتە ئەنە شۇ يايلاق ۋە قورو-قوتانلىرى ئۈچۈن تۆلەم ھېسابلاپ تۇرۇۋالغان.
يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، 410 مىڭ مو يايلاقنىڭ ئۇيغۇر چارۋىچىلارنىڭ قولىدىن خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئۆتۈپ كېتىشتە، 88-نومۇرلۇق ھۆججەت سەۋەب بولغان. بۇ ھۆججەت تەيىنلەنگەن رەئىس نۇر بەكرى تەرىپىدىن ئىمزالانغان. نۇر بەكرى مەزكۇر ھۆججەتكە ئامالسىزلىقتىن، ھوقۇقى كارغا كەلمىگەنلىكتىن مەجبۇرىي قول قويدىمۇ ياكى ئەمىلىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئاكتىپلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قول قويدىمۇ؟ بۇ ھازىرچە مەلۇم ئەمەس؛ ئەمما نۇر بەكرىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىدىكى تەشەببۇسكارلىقى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئانا تىلىدىن ئايرىلىپ قالسا بولۇۋېرىدۇ دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۇڭگانلارنى مىسال ئالغىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھېلىغىچە غۇلغۇلا قىلىنىپ كېلىۋاتقان بىر قىزىق نۇقتا.