ئەللامە ئابدۇللا قاتىرجى : خىتايغا ئوخشىغان كوممۇنىست دۆلەتلىرىمۇ دىنىي ئۆلىمالاردىن پايدىلانماقتا

دىنىي ئۆلىمالار خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن زاتلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ خەلقنىڭ ئەخلاقىنى ۋە ئېتىقادىنى توغرىلاش ھەم ئۇلارنىڭ دىنىي تەرەپتىن بىلمىگەنلىرىنى بىلدۈرۈش مەسئۇلىيىتى بار.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012.11.14
dini-checklesh-305 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﻨﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﻰ
RFA Photo


بىر ھەدىستە:«ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر» دەپ كەلگەن. چۈنكى دىننى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېغىزىدىن خەلققە يەتكۈزگەنلەر ئەنە شۇ ئۆلىمالاردۇر. ئەھۋال مۇنداق ئىكەن، دىنىي ئۆلىمالارنىڭ مەسئۇلىيىتى چوڭ ۋە ۋەزىپىسى ئېغىردۇر.

2012 - يىلى13 - نويابىر كۈنى قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىدىكى «شەرىئەت ۋە ھايات» دېگەن ھەپتىلىك پروگراممىدا ئېلىپ بارغان سۆھبەت ئەسناسىدا، لىۋاندىكى كاتتا ئۆلىمالار ھەيئىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەللامە ئابدۇللا قاتىرجى مۇنداق دەپ سۆزلىدى:

- دىنىي ئۆلىمالارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر ۋە ۋەزىپىسى شەرەپلىكتۇر. مۇندىن باشقا دىنىي ئۆلىمالار خەلقنى قوزغاش ياكى توختىتىش كۈچىگىمۇ ئىگىدۇر. شۇڭا ھەر قانداق ھۆكۈمدار ئۆلىمالارنى ئالدىغا تارتىشنى ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشنى خالايدۇ. ھازىرمۇ كۆپلىگەن ئەرەب ئىسلام مەملىكەتلىرىدە ۋە ئاسىيا ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىدىكى دۆلەتلەرگە ئوخشاش خەلقى مۇسۇلمان مەملىكەتلەردە دۆلەتنىڭ مەسئۇللىرى ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن مەلۇم دەرىجىدە پايدىلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە قارشى چىققان خەلقنى ئۆلىمالارنىڭ تىلى ئارقىلىق جىمىقتۇرالايدۇ، ھەتتا ئەدەپلىيەلەيدۇ. ھۆكۈمدارلارنىڭ ئۆلىمالارنى شەخسىي غەرەزلىرى ئۈچۈن قوللىنىشى يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان بىر كرىزىس ئەمەس. بۇنىڭ تارىخى ئابباسىيلار، ئەمەۋىلەر ۋە ئوسمانىيلارنىڭ دەۋرىگە قەدەر يېتىپ بارىدۇ. بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ئېچىنىشلىق قىسسىلەر بار. ئىمام ئەزەمنىڭ خەلىپە تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن قازىلىق مەنسىپىنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىپ تۈرمىدە ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىمۇ بۇنىڭ بىر مىسالى.

ھۆكۈمدارلار نېمە ئۈچۈن ئۆلىمالارغا يېقىن بولۇشنى خالايدۇ؟

ئەللامە ئابدۇللا قاتىرجى مۇخبىرنىڭ «ھۆكۈمدارلار نېمە ئۈچۈن ئۆلىمالارغا يېقىن بولۇشنى خالايدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

- مۇسۇلمان خەلق ھەممىدىن بەك ئۆزىنىڭ ئۆلىمالىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدۇ ۋە ئۇلارغا ئىشىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ئۆلىمالارنى ئالدىغا تارتىش ۋە ئۇلارغا يېقىن بولۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ سىياسەتلىرىنى يۈگۈزۈشكە تىرىشىدۇ. قانۇنى ئىسلام ئەمەس مەملىكەتلەردىكى ھۆكۈمدارلارمۇ دىنىي ئۆلىمالارغا يېقىنلىشىش ئارقىلىق خەلقنى تىزگىنلەشنى خالايدۇ. شۇڭا ھەر قانداق ھۆكۈمدا دىنىي ئۆلىمالارغا يېقىن بولۇشنى خالايدۇ.

دىنىي ئۆلىمالار سىياسەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟

ئەللامە ئابدۇللا قاتىرجى مۇخبىرنىڭ «دىنىي ئۆلىمالار سىياسەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

- دىنىي ئۆلىمالار سىياسەتنى ياخشى ئۆگىنىشى ۋە ھەممىدىن خەۋەردار، ئۇپۇقى كەڭ بولۇشى لازىم. ئەمما ئۇلار سىياسەتكە كىرمەسلىكى، سىياسىيلارغا بېقىنماسلىقى لازىم. چۈنكى دىنىي ئۆلىمالار مۇستەقىل ۋە ئەركىن بولۇشى كېرەك. ئۇلار چوقۇم ھۆكۈمدارلارنىڭ خاھىشىغا كۆرە سۆزلىمەيدىغان، بەلكى ھەقىقەتنى دادىل سۆزلەيدىغان بولۇشى شەرت. شۇنداق بولغاندىلا خەلق ئۇلارنىڭ سۆزىنى تىڭشايدۇ ۋە ئۇلارنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەپسۇسكى، ھازىرقى زاماندا دۇنيانىڭ قانداقلا يېرىدە بولمىسۇن، دىنىي ئۆلىمالار سىياسەتچىلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالماقتا. ھەتتا خىتايغا ئوخشىغان كوممۇنىست دۆلەتلىرىمۇ دىنىي ئۆلىمالاردىن پايدىلانماقتا. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆلىمالار ھەققىدە مۇنداق دېگەن:«ئاخىر زاماندا سىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرىڭلار زالىم بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەنلەر ئامان قالىدۇ، ئۇلارغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلەر گۇناھتىن ساقلىنىپ قالىدۇ، ئۇلارغا ئارىلاشقانلار ھالاك بولىدۇ.» بۇ ھەدىسنىڭ روھى بويىچە ئېيتقاندا، دىنىي ئۆلىمالار سىياسەتچىلەرنىڭ قوينىغا ئۆزلىرىنى ئاتماسلىقى ۋە خەلق بىلەن بىللە بولۇشى كېرەك.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.