0:00 / 0:00
يىغىندا ۋېنگرىيە ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ھۇنلار قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن، 9 - كۈنىگىچە چاقىرىلىدىغانلىقى، ھۇنلار بىلەن قېرىنداش بولغان مىللەتلەردىن 80 مىڭ كىشىنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىدىغانلىقى، مەزكۇر قۇرۇلتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت پائالىيىتى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
بۇ پائالىيەتكە كۆپ ساندا ئۇيغۇر زىيالىيلارمۇ ئىشتىراك قىلىدىكەن. بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
