د ئۇ ق ۋەكىللىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2010 - يىلى 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئازسانلىق مىللەتلەر مۇنبىرىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك يىغىنى چاقىرىلدى. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە د ئۇ ق نىڭ ب د ت دىكى مەخسۇس ۋەكىلى كەتىي خانىملار قاتناشتى.

0:00 / 0:00

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جەنۋەدە تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 190 ئەتراپىدىكى دۆلەت ۋە يۈزلىگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كۈچلۈك دىققەتنى چەككەنلىكىنى ھەمدە خىتاي تەرەپ ۋەكىلىنىڭ ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 14 - دېكابىر كۈنى يەنە ب د ت بىناسىدا " ئازسانلىقلار ۋە تەبىئىي بايلىقلار" ناملىق يىغىنمۇ بولۇپ ئۆتكەن. بۇ يىغىندا د ئۇ ق نىڭ ب د ت دىكى مەخسۇس ۋەكىلى كەتىي خانىم سۆزگە چىقىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋالى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنىڭ تالان-تاراج قىلىنىش ۋەزىيىتى توغرىلىق سۆزلىگەن.