ئىستانبۇلدا 'ھۆر شەرقىي تۈركىستان' ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ھۆر شەرقىي تۈركىستان يىغىنىدا ئوقۇپ ئۆتۈلگەن ئىلمىي ماقالىلەر ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئىنگلىزچە ۋە ئەرەبچە قاتارلىق تۆت خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى تەرىپىدىن " ھۆر شەرقىي تۈركىستان " نامىدا كىتاب قىلىپ نەشر قىلىندى.

0:00 / 0:00

بۇ كىتابتىكى ماقالىلەر ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن يېزىلغان.

18 پارچە ئىلمىي ماقالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كىتابتا ئورۇن ئالغان ئىلمىي ماقالىلەردىن مىسىرلىق يازغۇچى، دوكتۇر ئىززۇددىن ئەلۋەردانى ئەپەندىنىڭ " ئازادلىق ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش يولى: شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى تەسەۋۋۇرى " دېگەن تېمىدىكى ماقالىسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

دوكتۇر ئىززۇددىن ئەلۋەردانى ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسى مۇنداق باشلانغان: ئازادلىق ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش يولىغا ئاتلانغان ھەر قانداق بىر مىللەت كۆز ئالدىدىكى ۋەزىيەتكە ئەتراپلىق قاراپ چىقىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، كېلەچەككە قارىتا پۇختا قەدەم باسقىلى، يەر يۈزىدىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، مۇھىم بولغان ئىشلارنى ئالدىنقى كۈن تەرتىپكە ئالغىلى ۋە توغرا يولنى تاللاپ ماڭغىلى بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىگە قارايدىغان بولساق، زېمىنى ئىشغال قىلىنغان بۇ خەلق ئۆز يۇرتىنى خىتاي تەرىپىدىن تونۇلغان ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئىدارە قىلىش ھەققىگە ئىگە تۇرۇپمۇ، ئىنتايىن تۆۋەن ئىقتىسادىي ئەھۋال ۋە ئېغىر سىياسىي بېسىم ئاستىدا ئېڭرىماقتا. شۇنداقلا، ئىنسانىي ھەق ھوقۇقلىرى داۋاملىق تۈردە دەپسەندە قىلىنىپ، زەئىپلەشتۈرۈش ياكى پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلاشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان توختاۋسىز ئۇرۇنۇشلار تۈپەيلىدىن دىنىي ۋە مەدەنىي كىملىكى ئېغىر دەرىجىدە دەخلى تەرۈزگە ئۇچرىماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەرقىي تۈركىستان داۋاسى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خەلقئارادا زۆرۈر بولغان ياردەمگە ئېرىشەلمەي كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ناچار شارائىتتىكى بىر مىللەت دىكتاتور تۈزۈمگە تايانغان، دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي نوپۇزى كۈندىن كۈنگە ئېشىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئىمكانىيىتى (بولۇپمۇ ھازىرقى ۋەزىيەتتە) سۇنۇلغان مۇزاكىرىنى قوبۇل قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى، شۇنداقلا ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەشكىلاتلىرىنى قاتتىق مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىۋاتقان ناھايىتى چوڭ بىر كۈچكە روبىرو كەلمەكتە.

ماقالىدە يەنە، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش جەھەتتە بىر قانچە نۇقتىنى تەشەببۇس قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن:

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش يولى بىز جامائەتچىلىكتىن ئەمەلىي خىزمەت ئىشلەش، مەۋجۇت كۈچنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تېپىپ چىقىش، تارىختىن ئىگىلىگەن ساۋاقلارنى يەكۈنلەش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىدۇ. توقۇنۇش ياكى مۇزاكىرىدە قايسى تەرەپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ئورنى ئۆزىدە مەۋجۇت بولغان كۈچكە ۋە ئۆزى بىلەن ئىتتىپاقداش تەرەپلەرنىڭ كۈچىگە تايىنىدۇ. نەتىجىگە ئېرىشىش بولسا، ھەر بىر تەرەپنىڭ ئۆزىدىكى يېتەرلىك كۈچ مەنبەسىگە، شۇنداقلا ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى نىشان مەقسەتلىرىنى بەلگىلەشتىكى ماھارىتىگە تايىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقبالىنى ئەڭ ئەۋزەل شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىشتا ئالدى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەۋجۇت كۈچىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەشكىلاتلىرىغا ياردەم بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. تۈركىستان مەسىلىسى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى، پۇختا پىلان تۈزۈپ، ئۇستىلىق بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. خىتايغا قارشى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇزۇن يىللىق تارىخىي كۈرەشلەر خىتايلارغا نىسبەتەن خاتىرجەم بولالماسلىق، داۋاملىق تەھدىت ئىچىدە قېلىش ۋە ئايرىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىش قاتارلىق ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغان بولغاچقا، خىتاي دائىرىلىرىنى ۋەقەلەرنى بېسىقتۇرۇش ۋە ئالاقە ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئىشىدا ھاپىلا - شاپىلا بۇيرۇق چىقىرىشقا، ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر قىسىم پەرمانلارنى چۈشۈرۈشكە ئېلىپ بارماقتا.

ماقالىدە يەنە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جامائەت پىكىرى توپلاش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن:

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش يولىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسىي ئىشلاردىن بىرى شۇكى، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئورتاق پىكرىنى قولغا كەلتۈرۈش، مەيلى دۆلەتلەر ياكى خەلقلەر بولسۇن، مەيلى يەرلىك تەشكىلاتلار بولسۇن، شەرقىي تۈركىستانغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ۋە ياردەم قىلىدىغانلارنىڭ سانىنى ئىمكانقەدەر كۆپەيتىش ئۈچۈن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشى كېرەك. چۈنكى ئۇلار كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان ئىتتىپاقداش رولىنى ئوينايدۇ. كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، تۈركىستان مەسىلىسى ھەر تەرەپتىن تۈركىستانلىقلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈش كۈندىن ‏- كۈنگە ئېشىپ بارماقتا. بولۇپمۇ، تۈركىستاندا يۈز بەرگەن 5 ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە ۋە تىركىشىش ھەرىكەتلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا، خەلقئارانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، ئۆز سېپىنى كۈچەيتىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينى قوللايدىغانلار ئازىيىۋاتىدۇ. گەرچە خىتاي دۆلىتى كۈچلەنگەن ۋە تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، ئاجىزلىق نۇقتىلىرى ۋە پارچىلىنىش ئامىللىرى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، كۈتۈلمىگەن رەۋىشتە ئېشىپ بارماقتا. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ شۇنداق بولغانىدى. تارىخقا قارايدىغان بولساق، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تاغلار ۋە چۆللەر بىلەن ئورالغان، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي توقۇنۇشلار قاپلىغان ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قالالىغىنى يوق. بولۇپمۇ، كوممۇنىستىك پارتىيىسى ھوقۇقنى ئۇزۇندىن بېرى ئىگىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزى بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولمىغانلارنى باشقۇرۇش، مۇئامىلە قىلىش ۋە ئالاقە ئورنىتىش ماھارىتىنى نۇرغۇن جەھەتلەردە قولدىن بېرىپ قويدى.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن:

شۇنىمۇ كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەككى، ھازىرقى ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپلۈكىنى ۋە ئۇ تۇپراقنىڭ بايلىقىنىڭ موللىقىنى نەزەرگە ئالىدىغان بولساق، ئۇ، ئۆتكەن ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاننى ئاجىزلاشقان خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن يىراق تۇتۇپ، مۇستەقىل ھالدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان جىڭ شۇرېن ۋە شىڭ شىسەيلەرگە ئوخشاش بىر ئوچۇم خىتاي مۇستەبىتلىرىنىڭ قولىدا ئايرىلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، تۈركىستان ھەرىكەتلىرى ئۆز سېپىنى ۋە كۈچىنى بىرلەشتۈرۈشى، ئۆز ‏- ئارا توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن تامامەن ساقلىنىشى، تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەر قايسى ئېقىم ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئارىسىدىكى بىر بىرىنى يىراقلاشتۇرىدىغان ئامىللارنى ئىسىمدا بولسىمۇ پۈتۈنلەي تۈگىتىشى كېرەك. بەزى كۆزەتكۈچىلەر: "ھالقىلىق پەيتلەردە ئىچكى توقۇنۇشلار چىقىشى مۇمكىن" دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر: "بىر قىسىم مىللەتلەر بۆلىنىپ چىقىپ، چېگرىداش بولغان باشقا دۆلەتلەرگە قېتىلىپ كېتىشى مۇمكىن" دەپ قارىماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن تارىختىن ساۋاق ئېلىشىمىز، ئالدى بىلەن ئاللاھقا، ئاندىن ئۆز كۈچ قۇدرىتىمىزگە ئىشەنچ قىلىشىمىز، شىجائەتلىك ۋە ئىرادىلىك بولۇشىمىز، تۈركىستان خەلقىگە ياردەم قىلىشتا ھەر تۈرلۈك چارىلەرنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ياكى مەلۇم مىقداردا يېنىكلىتىش ئۈچۈن يول تېپىشىمىز مۇقەررەر. شارائىت قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى زۇلۇم چېكىۋاتقان خەلقنىڭ مەسىلىسىگە ھەمنەپەس بولۇش ئۈچۈن ئىجابىي چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ، قولىمىزدىن كېلىشىچە سەمىمىي ۋە ئاقىلانە ھالدا جىددىي خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.