دوكلاتتا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەت پائالىيەتلەر، بۇ ھەقتە سۇنۇلغان تەكلىپ - پىكىرلەر بايان قىلىنغان. بۇنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە :
ھۆر شەرقىي تۈركىستان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ بىرىنچى خۇلاسىسى
1. شەرقىي تۈركىستان 61 يىلدىن بېرى ئىشغالىيەت ئاستىدا تۇرماقتا.
2. خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ گېئوپولىتىكىلىق ئورنى، مول تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىسادىي كۈچى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بۇ زېمىندا ئۆز نوپۇزىنى تىكلەشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. 1949 - يىلى كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان، 1955 - يىلى "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" دەپ جاكارلاندى. "ئاپتونومىيە" دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئاپتونومىيىلىك ھەق ۋە ھوقۇقلىرى يەنىلا خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنماقتا. 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە مەيدانغا كەلگەن قىرغىنچىلىق تۈپەيلىدىن دۇنيا كۈن تەرتىپىگە يەنە بىر قېتىم كەلگەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايى قىلمىشلار ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.
3. خىتاي ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي بېسىملار خەلقئارالىق ئۇچۇر ئالاقىغا، ئىنسانىي ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا يېتىپ بېرىشىغا ۋە ھەق ھوقۇق يولسىزلىقلىرىنىڭ ئۆز ئورنىدا تەكشۈرۈپ كۆزىتىلىشىگە توسالغۇلۇق قىلماقتا.
4. خىتاينىڭ بېسىم ۋە يولسىزلىقلىرى پەقەت شەرقىي تۈركىستاندىلا ئەمەس، خىتاي خەلقىمۇ، شۇنداقلا باشقا ئىرق ۋە دىنغا مەنسۇپ كىشىلەرنىمۇ ناھەقچىلىققا دۇچار قىلماقتا.
5. خىتاينىڭ بېسىم تۈزۈمى پەقەت دۆلەت ئىچى تىنچلىقىغىلا ئەمەس، بەلكى ئەتراپتىكى رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقىغىمۇ تەھدىت تەشكىل قىلىدىغان نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
6. ئىسلام دۇنياسى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە چەكلىمىلەرگە بىپەرۋالىق قىلماقتا.
7. ب د ت خىتاينىڭ بىخەتەرلىك كومىتېتىغا ئەزا بولۇشى سەۋەبىدىن؛ ھەرقايسى دۆلەتلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى تۈپەيلىدىن خىتايغا بېسىم قىلالمايۋاتىدۇ.
"ئى ھا ھا" كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ھۆر شەرقىي تۈركىستان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: "11 - سېنتەبىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش" دولقۇنىنى باھانە قىلىۋېلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىملىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن خىتاي ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلماقتا.
شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ھەق ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە ماددىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
1) ھايات ھەققىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى: ئۆز مەيلىچە قولغا ئېلىش، قاماش، قىيىن قىستاققا ئېلىش، سوتسىز ئىجرائات، ئۆلۈم جازاسى، تۇغۇت چەكلىمىسى سىياسىتى ۋە ئاتوم بومبىسى سىنىقى؛
2) ئىرقىي ۋە دىنىي ئايرىمىچىلىق؛
3) ئانا تىل ئىشلىتىشنىڭ چەكلىنىشى، ئانا تىلدا تەلىم تەربىيىنىڭ مەنئى قىلىنىشى؛
4) پىكىر ئەركىنلىكنىڭ چەكلىنىشى، مەلۇمات ئىگىلەش، ئۇچۇر ئالاقە ۋە خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇلۇشى؛
5) دىنىي تەلىمنىڭ مەنئى قىلىنىشى، ئىبادەت ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكنىڭ چەكلىنىشى؛
6) ئاياللارغا قارىتىلغان يولسىزلىقلار: تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى، مەجبۇرىي ئوپېراتسىيە، ياش قىزلارنىڭ مەجبۇرىي ئىشچىلىققا زورلىنىشى؛
7) ھاشارغا مەجبۇرلاش؛
8) كەمبەغەللەشتۈرۈش؛
9) بايلىق مەنبەلىرىنىڭ يەرلىك خەلققە بېرىلمەسلىكى؛
10) تەلىم تەربىيە ئەركىنلىكنىڭ چەكلىنىشى؛
11) مەجبۇرىي كۆچۈرۈش (سۈرگۈن قىلىش)؛
12) ساياھەت ئەركىنلىكنىڭ چەكلىنىشى؛
ئىككىنچى، تەكلىپ پىكىرلەر: "ئى ھا ھا" كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ھۆر شەرقىي تۈركىستان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە يىغىندا يەنە مۇنداق تەكلىپ پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
1. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسىدۇر. خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرگە ئېچىۋېتىشى كېرەك.
2. خىتاي ھاكىمىيىتى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى؛ شەرقىي تۈركىستاندا نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كۆچمە نوپۇسنى توختىتىشى كېرەك. ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئاققۇن نوپۇس سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندا دەرھال نوپۇس ئىستاتىستىكىسى ئېلىپ بېرىلىشى لازىم.
3. "شىنجاڭ" ئىسمىنىڭ "قانۇنسىز ئاتالغۇ" ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنىشى لازىم.
4. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ۋە دىنىي ئايرىمىچىلىقنى دەرھال توختىتىشى لازىم.
5. بارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئالدى ئېلىنىشى ۋە تەشكىللىنىش ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان چەكلىمىلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەك.
6. ب د ت بىخەتەرلىك كومىتېتى خىتاينىڭ رەت قىلىش سالاھىيىتى سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ياقلايدىغان پوزىتسىيىدە بولۇشى كېرەك.
7. ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ب د ت بىخەتەرلىك كومىتېتى ئۈرۈمچى قەتلىئامى ۋە باشقا ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەرنىڭ خەلقئارا جازا مەھكىمىسى ياكى مەھكىمە ئورگانلىرىدا سوتقا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلىشى؛ خەلقئارا جازا مەھكىمىسىدە سوتقا تارتىلىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.
8. ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، ياۋرۇپا ياكى ئافرىقىدا؛ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە، يەنى دۇنيانىڭ نەرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاممىۋى ياكى دۆلەتلىك ئورگانلار، پارلامېنتلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، خەلقئارالىق سوت مەھكىمىلىرى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار خىتاي زۇلۇمىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى لازىم.
9. ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتى دەرھال يىغىلىپ، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ خىتايغا قارشى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىم ئىشلىتىشى ئۈچۈن قارار ئېلىشى لازىم.
10. شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن تۈركىيە خەلقى ئارىسىدا تارىخىي، مەدەنىي ۋە دىنىي باغلىنىشلىق مۇناسىۋەت بار. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان سىياسەت بەلگىلىشى كېرەك.
11. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلۇمى ئاخىرلاشقىنغا قەدەر، خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايدىسىغا ئۆرۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشى لازىم. ئۇندىن باشقا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر، ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىگە ئاڭلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشى لازىم.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.