بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالىملار، سىياسىي پائالىيەتچىلەر تەشكىلات رەھبەرلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى تەكلىپ قىلىنغان، ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان رەھبەرلەر يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كېلىشكە باشلىدى. ئىستانبۇلدا يىغىن تەييارلىقى جىددى داۋام قىلماقتا.
يىغىن باشلىنىشقا بىر قانچە قالغان بىر پەيىتتە خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى جۇڭ جېلىڭ باشچىلىقىدىكى3 كىشىلىك بىر ھەيئەت، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنى زىيارەت قىلىپ، ۋەقىپنىڭ رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم ئەپەندى بىلەن ئۇچراشتى، بۇ ئۇچرىشىشتا خىتاي باش كونسۇلى جۇڭ جېلىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.
"ئى ھا ھا " كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەسىمى تور بېتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇچرىشىشتا ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم خىتاي ھەيئىتىگە ۋەخپىنىڭ خىزمەت - پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن:
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز، ئۇ يەردىكى مەسىلىلەرنى ئۇيغۇن بىر ساھەدە مۇنازىرە قىلىپ ھەل قىلىش يوللىرىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى توغرا بىر شەكىلدە ئاڭلىتىش ئۈچۈن رايونغا ھەر ساھە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە زىيارەت قىلىشىنى خالايمىز، بۇ ھەقتە خىتاي دۆلىتىنىڭ قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي باش كونسۇلى جۇڭ جېلىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاڭلىتىلغاندەك بىر قەتلىئام يۈز بەرمىگەنلىكىنى داۋا قىلغان، جۇڭ جېللىڭ " ئى ھا ھا" كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. بۈلەنت يىلدىرىم ئەپەندى ئۇچرىشىش جەريانىدا يەنە شەرقىي تۈركىستان رايونىدا بىر شۆبە ئېچىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن، خىتاي ۋەكىلى جۇڭ جېلىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن "ئى ھا ھا" كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ ئىلتىماس قىلىشىنى ۋە كېيىن خىتاي دۆلىتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن بۇ ئىلتىماس ھەققىدە توختىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھۆر شەرقىي تۈركىستان ناملىق يىغىن ھەققىدە "ئى ھا ھا" كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى تەرىپىدىن مەخسۇس ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئىنگىلىزچە ۋە ئەرەبچە قاتارلىق تۆت تىلدا ئىنتېرنېت تور بېتى ئېچىلغان بولۇپ كىشىلەر بۇ تور بېتى ئارقىلىق يىغىن ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشەلەيدىكەن ۋە يىغىنغا قاتنىشىشنى خالايدىغانلار ئىسىملىرىنى تىزىملىتىدىكەن. http://www.doguturkistansempozyumu.com
بۇ قېتىمقى ھۆر شەرقىي تۈركىستان ناملىق يىغىننىڭ ئېچىلىشتىكى ئاساسىي مەقسەت نېمە؟ يىغىنغا كىملەر قاتنىشىدۇ؟ بۇ يىغىندىن قانداق نەتىجە كۆرۈلىدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئى ھا ھا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرىدىن گۈلدەن سۇنمەس خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.