ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 'ھۆر شەرقىي تۈركىستان' ناملىق يىغىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

2010 - يىلى 3 - ئاينىڭ 20 - 21 - كۈنلىرى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ كۇلتېر - سەنئەت مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا، ئى ھا ھا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن "ئىستانبۇل تىنچلىق مۇنبىرى" نام ئاستىدا خەلقئارالىق "ھۆر شەرقىي تۈركىستان" ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

يىغىنغا تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىن كۆپ ساندا ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچى ئالىملار، پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى، ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى، يىغىنغا يەنە تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ 2 كۈن داۋام قىلغان يىغىننى باشتىن ئاخىر دىققەت بىلەن ئاڭلىدى.

يىغىندا ئى ھا ھا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇم، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى ھامۇت كۆكتۈرك، تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ھۆسنۈ تۇنا ئەپەندى، سائادەت پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى ئېرول ئەردۇغان قاتارلىق رەھبەرلەر ئېچىلىش نوتىقى سۆزلىدى.

يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى پروگرامما بويىچە، يىغىن مەزلۇملار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت فارۇق ئۇنسال ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە باشلاندى، يىغىندا ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت، 'بىر مەدەنىيەت ھاۋزىسى - شەرقىي تۈركىستان دېگەن تېمىدا، ساكارىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالائىددىن يالچىنكايا، "شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرى ۋە خىتاي ئىشغالىيىتى " دېگەن تېمىدا، ئامېرىكا پومونا تېخنىكا مەكتىپى تىنچ ئوكيان ئاخبارات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور دوكتۇر درۇ گىلەدنېي، "خەلقئارا جامائىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى رولى" دېگەن تېمىدا، ئەرەب دۇنياسىدا تونۇلغان ئىئوردانىيىلىك مەشھۇر يازغۇچى دوكتور ئەكرەم ھىجازى، "سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ۋە 11 - سېنتەبىردىن كېيىنكى شەرقىي تۈركىستان'" دېگەن تېمىدا، مىسىرنىڭ ئاينىشەمسى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر ماجىدە ماخلۇف خانىم، "مەجبۇرى كۆچۈرۈش ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار" دېگەن تېمىدا، ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇسالام ئابدۇغېنى ئەپەندى، "شەرقىي تۈركىستاندا ئىقتىسادىي ھاياتتىكى چەكلىمىلەر، يوقسۇللۇق ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرى " دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

يىغىننىڭ كېيىنكى قىسمىدا ۋە ئىككىنچى كۈنىدىكى پروگراممىدا يەنە تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن، سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، دوكتور ئەركىن ئەمەت، دوكتور ئەركىن ئەكرەم، سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىۋاتقان سىراجىددىن ئەزىزى ۋە باشقا دۆلەتتىن كەلگەن 10 دىن ئارتۇق تەتقىقاتچى ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ، دىن، تىل، مائارىپ، ئۆرۈپ ئادەت، مىللىي مەدەنىيەت ساھەلەردە دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆز قىلىندى.

يىغىندا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسەتلىرى تەنقىد قىلىندى ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىندى.

يىغىندا يەنە تىبەتلەرنىڭ داھىيىسى دالاي لامانىڭ شىۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى تېستېن سامدۇپ ۋە تىيەنئەنمېن ۋەقەسىگە قاتناشقان شۇنداقلا خىتاينىڭ تۈرمىسىدە 5 يىل يېتىپ كېيىن چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن سىياسىي پائالىيەتچى ياڭ جىيەنلى ئىسىملىك خىتاي سۆز قىلىپ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ خاتا سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

يىغىندا ئى ھا ھا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقىدا خىتاي دۆلىتىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى:

"بىر تۈركۈم خەلقلەر خىتاينىڭ ئىچكى قىسىملىرىدا مەۋجۇت، ئەمما چېگرا رايونلىرى قانداق بولىدۇ؟ سىلەر ئىشغال قىلىۋالغان شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟ بۇ رايونلارغا كىيىن ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەردىڭلاردىڭلار ئەمما ئۇلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى بەردىڭلارمۇ؟ بەرمىدىڭلار، ئۇ يەردە قىلىنىۋاتقان ئىشكەنجىلەرنى تونۇشتۇرىدىغان بولسا، بەلكى قۇرقۇنچىلىق فىلىملەرگە ئوخشايدۇ، بىز خىتاي ھاكىمىيىتىگە شۇنى خىتاب قىلىمىزكى، ئىسلام دۇنياسى سىلەرگە ئېھتىياجلىق بولسا، سىلەرمۇ ئىسلام دۇنياسىغا ئېھتىياجلىق، بۈگۈنكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ رەھبەرلىرى بەلكى بۇنى بىلمەيدۇ، ئەمما بىر كۈنى بۇ رەھبەرلەر ئىسلام دۇنياسى خەلقلىرىنىڭ ئىرادىسىگە قۇلاق سالىدۇ ۋە بۇنى ھېس قىلىدۇ، ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى، ئافغانىستان، چېچەنىستان، فاتانى، كەشمىر يەنى دۇنيادا بولىۋاتقان ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆز ئالدىغا قويۇپ، ئىسلام بىرلىكى ئاستىدا بىر كۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر خىتايلارمۇ دۇنيادا مەۋجۇت كۈچىڭلارنى قوغداشنى خالىساڭلار ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىڭلار".

بۇلەنت يىلدىرىم ئەپەندى سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: "بىز ئىلگىرى ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىغا، باش مىنىستىرغا ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ئورۇنلارغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ قانداق ھەل بولىدىغانلىقىغا ئالاقىدار بىر مەكتۇب ئەۋەتتۇق، ئىسلام دۇنياسى خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە كاپالەتلىك قىلالايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ئىسلام قۇرۇلتېيىنىڭ كۆزەتچى ھەيئىتى باردى، ئەمما ئۇلار خىتاي ھاكىمىيىتى بەلگىلەپ بەرگەن ئورۇنلارنىلا كۆرەلىدى. خىتاي بۇ زامانىۋى دۇنيادا ھەددىنى بىلمەيدىغان بېشى دەرتتە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ نوپۇسى كۆپ، تېخنىكىسى يۇقىرى، ئەمما ئىسلام دۇنياسى ئۇلارغا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بىزنىڭمۇ ئادالەت ۋە ۋىجدانىمىز بار،

بىزنىڭ بۇ قېتىمقى شەرقىي تۈركىستان يىغىنىمۇ شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىققانلىقىمىزنى ئىپادىلەيدۇ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى، ئۇلارغا ئىگە چىقمىغانلار ئۆيلىرىدە خاتىرجەم ياشىيالمايدۇ، بىز خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا نېمىنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بەك ياخشى بىلىمىز، ئەمما خىتاي ئەڭ ئازدىن ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بەرسە ۋە ئۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە خاتىمە بەرسە، خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئېتىبارى تېخىمۇ ئاشىدۇ".

بۇلەنت يىلدىرىم ئەپەندى سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىز ئىستانبۇل تىنچلىق مۇنبىرى' بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شۇنى ئېلان قىلىمىزكى، پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشىمىز، ھازىرغىچە، بىر قانچە دۆلەتلەر بىلەن كۆرۈشتۇق، بۇ مەسىلىنى كۈن تەرتىپكە كەلتۈرىمىز، بۇ مەسىلە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىچىدە بېسىلغان ئىنتايىن مۇھىم ۋە تۈنجى قەدەم بولىدۇ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان، ۋە بۇ يىغىننى قوللىغان پۈتكۈل تەشكىلات، ئورگانلارغا ۋە شەخسلەرگە ئايرىم ئايرىم تەشەككۈر ئېيتىمەن.

يىغىن جەريانىدا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن يىغىن زالىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ئۆرۈپ ئادەت، مەدەنىيەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۆرگەزمە ئېچىلدى، كۆرگەزمىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىيىملىرى، ئۆي جاھازلىرى، چالغۇ - ئەسۋابلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، دۆلەت گېرىبى قويۇلغان بولۇپ، كۆرگەزمىدە يەنە ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە تەييارلانغان تەشۋىقات ۋاراقلىرى، كىتاب - جۇرناللار ھەقسىز تارقىتىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.