خىتاي دائىرىلىرى غۇلجا دادامتۇ يېزىلىق ياشنى 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان

خىتاي دائىرىلىرى « 5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، غۇلجا شەھىرىنىڭ دادامتۇ يېزىسىدا 40 نەچچە ياشنى دىنىي سەۋەبلەر بىلەن قولغا ئالغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.09.17
ghulja-xerite-305.jpg ئۇيغۇر ئېلىدىكى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئورنى.
RFA

قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بىر قىسمى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق بىر قىسمى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىش ياكى پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتلىك ھەر خىل قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان. شۇلارنىڭ بىرى مەزكۇر يېزىنىڭ بۇلاق دادامتۇ كەنتىدىكى سۇلتان تۇرسۇندۇر. دائىرىلەر سۇلتان تۇرسۇننى 7 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇغان. سۇلتان تۇرسۇننىڭ ئانىسى ھۆرنىساخان ھەدىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوغلىنىڭ ھېچقانداق چوڭ گۇناھى بولمىسىمۇ، بۇنچىلىك ئېغىر جازالانغانلىقىدىن ھەيران قالغان. نۆۋەتتە سۇلتاننىڭ قاماق جازاسى توشۇشقا يەنە 4 يىل بار. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ھۆرنىساخان ھەدىنى زىيارەت قىلدۇق. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.