خۇ جىنتاۋدىن قالىدىغان سىياسىي مىراس نېمە؟
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012.01.13
2012.01.13

AFP
ئەركىن ژۇرنالىست داۋىد كوھېننىڭ «خۇ جىنتاۋدىن قالىدىغان سىياسىي مىراس» ھەققىدىكى مۇلاھىزسىنى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ خەلقئارا بۆلۈم باشلىقى جياڭ شۆچىن بۈگۈن، خىتايدا تارقىلىدىغان «دىپلوماتىيە مۇتەخەسسىسلىرى» دېگەن تور گېزىتىدە تونۇشتۇردى. «خىتايدىكى ھوقۇقچىلىق» نى تەتقىق قىلىدىغان ئىنتېرنېت بلوگى بار داۋىد كوھېن ماقالىلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن، خەلقئارادا ئېنگىلىزچە تارقىلىدىغان «مۇھاپىزەتچى»، «خرىستيان ئىلمىي ژۇرنىلى» ۋە خىتايدا ئېنگىلىزچە تارقىلىدىغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»، «خەلق گېرىتى» دېگەن گېزىتلاردا ئۆزلۈكسىز ئېلان قىلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئىدى.
داۋىد كوھېننىڭ «خۇ جىنتاۋدىن قالىدىغان سىياسىي مىراس» ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى، خەلقئارادا كەڭ تارقىلىدىغان «دىپلومات» ژۇرنىلىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى بىر سانىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئاپتور بۇ ماقالىسىنى، خۇ جىنتاۋنىڭ يېڭى يىل ھارپىسىدا قىلغان سۆزىدە «خىتاي بىلەن غەرب ئەللىرى ئارىسىدا مەدەنىيەت ئۇرۇشى باشلاندى» دەپ جاكارلىغان بىر ئابزاس سۆزىنى تەھلىل قىلىشتىن باشلىغان ئىدى.
داۋىد كوھېننىڭ بايان قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ خىتاي بىلەن غەرب ئەللىرى ئارىسىدا «باشلاندى» دەپ جاكارلىغان مەدەنىيەت ئۇرۇشىنىڭ مەزمۇنىنى، خەلقئارادىكى دۈشمەن كۈچلەر خىتاينى غەربلەشتۈرۈش ئۈچۈن، خىتايغا ھەممە ساھەدىن سېڭىپ كېرىشكە باشلىدى دەپ چۈشەندۈرگەندە، خۇ جىنتاۋ غەربلىكلەرنىڭ كۆزىگە، خۇددى خىتايدا بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن «مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى قىزىل قوغدىغۇچىلار» غا قىزىل كىتابنى پولاڭلىتىۋاتقاندەك كۆرۈندى. خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە بەلگىلەنگەندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئىچكى ھېس - تۇيغۇلىرىنى پەقەت سرتقا ئاشكارىلاپ باقمىغان خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىم، كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ساقلاپ كېلىۋاتقان غەرب ئەللىرىگە بولغان دۈشمەنلىك تۇيغۇسىنى بۇ قەدەر ئېنىق ئاشكارىلىغانلىقى، ئېھتىمال ئۇنىڭ ھازىر كېيىنكى خىتاي رەئىسىگە سىياسىي مىراس قالدۇرۇشقا ئالدىراۋاتقانلىقىدىن بولسا كېرەك.
- مەن داۋىد كوھېننىڭ كۆز قارىشىغا قوشۇلىمەن، - دەيدۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ خەلقئارا بۆلۈم باشلىقى جياڭ شۆچىن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ بۇ سۆزنى ئۆزىنىڭ كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرىغا قىلغان. خۇ جىنتاۋ ھازىر، كېلەر يىلى 10 - ئايدا ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن بۇرۇن سىياسىي مىراس قالدۇرۇپ، خىتاينى كەلگۈسىدىمۇ ئۆزى لايىھىلىگەن ئىستراتېگىيە بۇيىچە ئىش قىلىدىغان قىلىشقا ئالدىراۋاتىدۇ.
بۇ ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خۇ جىنتاۋ سۆزىدە ئوچۇق ئېيتمايلا مىراس قالدۇرۇپ كەتمەكچى بولغان بىرىنچى مەسىلە، جاڭ زېمىن پەيدا قىلغان، خۇ جىنتاۋ ئۆزى ھەل قىلماي داۋاملاشتۇرىۋەرگەن مەسىلە - پۈتۈن خىتايدىكى بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنى چوڭايتىش، كوممۇنىست پارتىيىنى چېرىكلەشتۈرۈش، خەلقنىڭ ئەخلاقىنى بۇلغاش مەسىلىسى.
خۇ جىنتاۋ قالدۇرۇپ كەتمەكچى بولغان ئىككىنچى سىياسىي مىراس، كوممۇنىست پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا تەرغىپ قىلغان باشقا مىللەتلەرنى چەتكە قېقىش، پۈتۈن خەلقنى تېررورلۇق ۋەھىمىسى ئاستىدا قالدۇرۇش مەسىلىسى.
خۇ جىنتاۋ قالدۇرۇپ كەتمەكچى بولغان ئۈچىنچى سىياسىي مىراس - خەلقنى پۇلدىن باشقىنى تونۇماسلىق، مەنپەئەتنىلا كۆزلەش يولىغا باشلاش ۋە ھەربىي قىسىملار خەلقنى، يەر ئىگىلىرىنى، چەتئەللىكلەرنى بۇلاڭ - تالان قىلىشقا قۇترىتىدىغان كونا ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسى.
خۇ جىنتاۋ قالدۇرۇپ كەتمەكچى بولغان تۆتىنچى سىياسىي مىراس - گو مېيمېي دېگەن خانىم خىتايدىكى قىزىل كىرىست جەمئىيىتى دەپ ئاتىلىدىغان ساخاۋەتچى ئورگاننىڭ باشلىقىلىرى، خەلقتىن توپلانغان ئىئانە پۇلنى شەھۋانىيلىققا ئىشلەتلەنلىكىنى پاش قىلغاندا، بىر زاۋۇتنىڭ ئىش مەيدانىدا يولدا قالغان ئىككى ياشلىق يۆيۆ دېگەن قىز بالىنى ئاپتوموبىللار بېسىپ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن 18 ئادەم قىلچە ھېسداشلىق بىلدۈرمىگەن ۋەقە يۈز بەرگەندە، خىتايدا پۈتۈن خەلق خىتايدىكى بۇنداق ئەخلاق گۇمران بولغان مەسىلىگە قاتتىق ئېچىنسا، خۇ جىنتاۋ ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن مەسىلە.
بۈگۈن خىتايدا بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغان سەھىپىدە، ئوقۇرمەنلەر بۇ ھەقتە ئەركىن مۇنازىرە قىلىشتى. بۇنىڭ بىرىدە، ماۋ زېدۇڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەسىلىسىنى دېڭ شاۋپىڭغا قالدۇرۇپ قويدى، دېڭ شاۋپىڭ تيەنئەنمېن ۋەقەسى مەسىلىسىنى جاڭ زېمىنگە قالدۇرۇپ قويدى، جاڭ زېمىن فالۇنگۇڭ مەسىلىسىنى خۇ جىنتاۋغا قالدۇرۇپ قويدى، خۇ جىنتاۋ نوبىل مۇكاپاتى مەسىلىسىنى شى جىنپىڭغا قالدۇرۇپ كەتمەكچى. يىللاردىن بۇيان بۇنداق «سىياسىي مىراسلار» كۆپىيىپ، مەسىلىلەر دۆۋېلىنىپ، ئۇنى خەلقمۇ ۋە دۆلەت زېمىنىمۇ كۆتۈرەلمىگۇدەك ھالغا كېلىپ قالدى. ئەمدى كوممۇنىست پارتىيىنى گۇمران قىلمىغۇچە بۇ مەسىلىلەر ھەل بولمايدۇ دەپ بايان قىلىنغان.