خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئاتى ھېسابلىنىدىغان شىنخۇئا ئاگېنتلىقى خۇئا گوفېڭنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ناھايىتى قىسقا بىر خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، خەۋەردە ئۇنىڭغا " جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ئىلغار ئەزاسى، ئۇزۇن مەزگىل سىناقتىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم رەھبىرى ۋەزىپىسىنى ئاقتۇرغان" دېگەن باھالار بېرىلگەن. بىراق، خەۋەردە ئۇنىڭ ھايات پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭغا قانداق دەرىجىدە مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقى ھەم باشقىلار كۆرسىتىلمىگەن. شىنخۇانىڭ بۇ خەۋىرىدە خۇئا گوفېڭغا بېرىلگەن باھا ئىلگىرى ئۆلگەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە بېرىلگەن " ئۇلۇغ كوممۇنىزم جەڭچىسى "دېگەن باھالاردىن روشەن پەرقلىققە ئىگە.
دېڭ شاۋپىڭ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ئىسمى مەتبۇئاتلاردىن غايىپ بولغان ۋە ياكى كەمدىن - كەم تىلغا ئېلىنغان خۇئا گوفېڭنىڭ تەقدىرى ۋە كېيىنكى ھايات مۇساپىلىرى كىشىلەر ئۈچۈن سىرلىق ھەم قىزىقارلىق تېمىغا ئايلانغان ئىدى.
خۇئا گوفېڭ كىم؟
خۇئا گوفېڭنىڭ ئەسلى ئىسمى سۇجۇ بولۇپ، 1921 - يىلى تۇغۇلغان. ئۇ 1938 - يىلى ياپونغا قارشى پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندىن كېيىن، ياپونغا قارشى بىر تەشكىلاتنىڭ ئىسمىنى ئۆزىگە ئىسىم قىلىپ قوللىنىپ، ئۆزىنى خۇئا گوفېڭ دەپ ئاتىغان. خۇئا گوفېڭ 1949 - يىلىدىن كېيىن ماۋزېدۇڭنىڭ يۇرتى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ خىئاڭتىئەن ناھىيىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ دەرىجىسى پەيدىن - پەي ئۆسۈپ، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ھەمدە 1976 - يىلى جوۋ ئېنلەي ئۆلگەندىن كېيىن، باش مىنىستىرىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئاقتۇرغان.
خۇئا گوفېڭ قانداق ئىزباسارلىققا تەيىنلەندى ؟
خۇئا گوفېڭنىڭ بېيجىڭغا يۆتكەپ كېلىنىپ، دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر قاتلىمىغا كىرگۈزۈلۈشى ھەتتا ئۇنىڭ ئىزباسارلىققا تەيىنلىنىشىدە بىۋاسىتە ماۋزېدۇڭنىڭ رولى بارلىقى ئېيتىلىدۇ. 1976 - يىلى ماۋ ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىزباسارلىقىغا قويغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ھوقۇق كۈرىشىنى نەزەرگە ئالغان ماۋ زېدوڭ خۇئا گوفېڭغا " سىز ئىش باشقۇرسىڭىز، مەن خاتىرجەم بولىمەن" دېگەن ئىكەن. كېيىن، بۇ سۆز ماۋنىڭ ئاخىرقى ۋەسىيىتى سۈپىتىدە مەتبۇئاتلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىنىپ، خۇئا گوفېڭنىڭ قانۇنىي ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىنغان ئىدى. خۇئا گوفېڭ 1976 - يىلى ماۋ زېدوڭ ئۆلگەندىن كېيىن يې جەنيىڭ، لى شەننەن قاتارلىقلارنىڭ ياردىمى بىلەن ماۋ زېدوڭنىڭ ئايالى جياڭچىڭ قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقىدىكى تۆت كىشىلىك گۇرۇھ دەپ ئاتالغان، ماۋنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن پۈتۈن خىتاينى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى قولغا ئالماقچى بولغان گۇرۇپپىنى يوقاتتى ھەمدە ئۇنىڭ خىتاينىڭ ماۋدىن كېيىنكى ئەڭ ئالىي رەھبىرىلىك ئورنى تىكلەندى ۋە قوغدالدى.
خۇئا گوفېڭ ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇ 1981 - يىلى دېڭ شاۋپىڭ باشلىق ئىسلاھاتچىلار گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ھاكىمىيەتتىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى دېڭ شاۋپىڭ تەرىپىدىن ئىگىلەندى. خۇئا گوفېڭنىڭ ماۋزېدۇڭنىڭ ئىدىيىسى، سىياسىي يۆنىلىشلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرىدىن يانماسلىق سىياسىتى ئىسلاھاتچىلار تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا " چەكتىن ئاشقان سولچىللىق خاتالىقى" ئارتىلغان ئىدى.
خۇئا گوفېڭ ماۋنىڭ بالىسىمۇ؟
خۇئا گوفېڭنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەم ئۇنىڭ ئاددىي بىر ياش كادىردىن شۇنچە تېز ئۆسۈپ، ماۋ زېدوڭ بىلەن بىرگە كۈرەش قىلغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باشقا رەھبەرلىرىدىن يۇقىرى ئورۇنغا چىقىشى ۋە ئاخىرىدا دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبىرىگە ئايلىنىشى ھەققىدە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئارىسىدا تۈرلۈك گۇمانىي كۆز قاراشلار، قىياسلار ھەم ئۇچۇرلار مەۋجۇت. بۇنداق ئۇچۇرلارنىڭ بىرى خۇ گوفېڭنى ماۋ زېدوڭنىڭ توي قىلمىغان ئايالىدىن تاپقان بالىسى دەپ قاراشتۇر. بۇنداق ئۇچۇرلار يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە كۆپىيىپ قالغان. چەتئەللەردە تارقىتىلىدىغان خىتاي تىلىدىكى ئەڭ چوڭ تور بەتلەرنىڭ بىرى "Boxun.com" تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان " خۇئا گوفېڭ ماۋ زېدوڭنىڭ چوڭ ئوغلىمۇ؟ " ماۋزۇلۇق ماقالە تىپىكلىككە ئىگە. ئىسمى نامەلۇم ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ ماقالىدە خۇئا گوفېڭنىڭ ئەسلىدە ماۋ زېدوڭنىڭ 1920 - 1921 - يىلى خۇنەننىڭ چاڭشا شەھىرىدىكى كوممۇنىزمچىلار گۇرۇپپىسىنى قۇرغان ۋاقىتلىرىدا ياۋ فامىلىلىك بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭدىن تاپقان بالىسى ئىكەنلىكى، ياۋ فامىلىلىك بۇ قىزنىڭ ئىككى يىلدىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، ماۋنىڭ ئىزچىل تۈردە ئۇنى ئۆز يېقىنلىرىغا ھاۋالە قىلىپ بېقىش ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا بۇيرۇغانلىقى يېزىلغان.
مەزكۇر ماقالىدە خۇئا گوفېڭنىڭ ماۋ زېدوڭنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر قاتار دەلىللەر كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ھەتتا خۇئا گوفېڭ 1980 - يىلى مەركىزىي كومىتېتتىن ئۆزىنىڭ ماۋنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ماۋ فامىلىسىنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق مەركىزىي كومىتېت تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. ئۇ يېقىنقى يىللاردىمۇ شۇنداق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئوخشاشلا رەت قىلىنىشقا دۇچ كەلگەن بولۇپ، پەقەت ئۇنىڭ خۇنەن شاڭتيەنگە بېرىپ ياشىشى تەستىقلانغان ئىكەن. لېكىن، خۇئا گوفېڭ ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ھەققىدە ئىسپات تېخى ئېلان قىلىنغىنى يوق.
خۇئا گوفېڭنىڭ مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سالاھىيىتى 2002 - يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ 2007 - يىلىدىكى 17 - قۇرۇلتايغا ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتناشقان. بۇ، خۇئا گوفېڭنىڭ ئاخىرقى قېتىم رەسمىي سورۇندا كۆرۈنىشى بولۇپ قالغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ داھىيسى ماۋ زېدوڭنىڭ بىۋاسىتە تەربىيىلىگەن ھەم بېكىتكەن شاگىرتى ۋە ئىز باسارى، " دانا داھىي" دەپ تەرىپلەنگەن سابىق خىتاي ئالىي رەھبىرى خۇئا گوفېڭ خىتاينىڭ مۇرەككەپ سۇلالىلەر تارىخ بەتلىرىگە كىرىپ كەتتى.