سۈرىيىدىكى ھۇلا قىرغىنچىلىقىغا غەرب ئەللىرى كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى

جۈمە كۈنى مەيدانغا كەلگەن ھۇلا قىرغىنچىلىقىدا ھازىرغىچە ئەڭ ئاز دېگەندە 108 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاز دېگەندە 30 ئىنىڭ تېخى 10 ياشقىمۇ توشمىغان بالىلار ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.05.29
hula-qirghinchiliqi-suriye-305.jpg ھۇلا قىرغىنچىلىقىدا ئۆلگەن بالىلار. 2012-يىلى 26-ماي، سۈرىيە.
AFP

ب د ت تەرىپىدىن سۈرىيىگە ئەۋەتىلگەن كۆزەتكۈچىلەر ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا، شۇ كۈنى قوراللىق كۈچلەر ھۇلا يېزىسىدا ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ، قارىسىغا ئوق ئېتىپ قىرغىنچىلىق قىلغان. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغان كۆرۈنۈشلەردىكى پاجىئەلىك كۆرۈنۈشلەردە ۋەقەدە تېخى يېشىغا توشمىغان بوۋاقلارنىڭمۇ ئىنساپسىزلارچە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى قاتتىق چۆچۈتتى.

يەكشەنبە كۈنى ئاخشام، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە بۈگۈنگىچە ئەسەد ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلگەن، ئۇنىڭغا داغ تەگكۈزمەي كەلگەن رۇسىيە ۋە خىتايمۇ بار ئىدى.

ئۇنداقتا بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەقەنىڭ جاۋابكارى زادى كىم؟ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھۇلا قىرغىنچىلىقىدىكى جاۋابكار بەشەر ئەسەد ھۆكۈمىتى ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم قوراللىق كۈچلەر، دەپ كۆرسەتتى. ب د ت تىنچلىق كۈچلىرىنىڭ باشلىقى ھېرۋى لادسوس سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:
-بۇنىڭدا ھۆكۈمەتنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ بارلىقى ئېنىق. جۈمە كۈنىدىكى ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ بىر قىسمى ئېغىر تىپلىق قوراللار ۋە بومباردىمان نەتىجىسىدە ئۆلگەن. پەقەت ئەسەد ھۆكۈمىتىلا بۇنداق ئېغىر تىپلىق قوراللارغا ئىگە. ئۆلگۈچىلەرنىڭ يەنە بىر قىسمى بولسا ئوق ۋە پىچاق زەربىسىدە ئۆلگەن. بۇنى كىمنىڭ قىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئەمما بۇ يەردە ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللايدىغان «شەببىھا» ئىسىملىك قوراللىق تەشكىلاتنىڭ قولى بارلىقىغا دائىر كۈچلۈك ئىشارەتلەر بار.

سۈرىيىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىقلارنىڭ بىرى بولغان ھۇلا قىرغىنچىلىقى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۈستىدىكى بېسىم ئاشتى. سەيشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە دەرھال ئىككى سۈرىيىلىك دىپلوماتنى ئاۋسترالىيىدىن قوغلاپ چىقاردى. ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۆزىدە ئاۋسترالىيىنىڭ بۇ ئارقىلىق سۈرىيىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە قارىتا بىر سىگنال بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە باشقا دوست دۆلەتلەرنىمۇ ئاۋسترالىيىدەك ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى.

سەيشەنبە كۈنى يەنە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، بېلگىيە، كانادا ۋە ئامېرىكا، شۋېتسارىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن سۈرىيىلىك دىپلوماتلارنى قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا 25-ماي كۈنى يۈز بەرگەن ھۇلا ۋەقەسىگە جاۋابەن، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتى زۇھەيىر جاببورنى ئامېرىكىدىن چىقىپ كېتىشنى ئۇقتۇرغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا 72 سائەت مۆھلەت بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا بۇ قىرغىنچىلىقتا سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، دەپ قارايدۇ، دېدى.

خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇ كۈچلۈك ئىنكاسى دەل ب د ت نىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاتىغان ئەلچىسى كوفى ئاننانىڭ سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشەر ئەسەد بىلەن كۆرۈشكەن كۈنىگە توغرا كەلدى. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، كوفى ئاننان ئۇچرىشىشتا بەشەر ئەسەدتىن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ئەگەر بەشەر ئەسادنى 6 ماددىلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلمىغان ۋە تۈرمىلەردىكى ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بەرمىگەن تەقدىردە ياخشى ئاقىۋەت كەلتۈرمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. كوفى ئاننان ۋەقە ھەققىدىكى باياناتىدا ھۇلا ۋەقەسىدىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكىنى ئېيتتى ۋە «ھۇلا قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىرى ھېساب بېرىشى كېرەك» دېدى.

بىر كۈننىڭ ئىچىدە جەمئىي 49 بالا، 34 ئايال ۋە 20 دىن ئارتۇق ئەر ئۆلتۈرۈلگەن ھۇلا ۋەقەسىدىن كېيىن كوفى ئاننانىڭ تىنچلىق پىلانىغا تەرەپلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئەمەل قىلىپ-قىلمايۋاتقانلىقى، بۇنىڭ سۈرىيىدىكى قىرغىنچىلىقنى ئاياغلاشتۇرۇشتا بىر ئۈنۈم يارىتىپ-ياراتمايدىغانلىقى ھەققىدە جىددىي گۇمان پەيدا بولدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۈگۈن غەرب ئەللىرىنىڭ سۈرىيىلىك دىپلوماتلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئارقىلىق ۋەقەگە قايتۇرغان ئىنكاسىنى قارشى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيىدىكى قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىشى كېرەك، رۇسىيە ۋە خىتاي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيە ھەققىدە قارار چىقىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشنى توختىتىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى» دېدى.

كۆزەتكۈچىلەر سۈرىيە مەسىلىسىدە قانداق بىر قارارنىڭ چىقىدىغانلىقىنى دىققەت بىلەن كۆزەتمەكتە. گەرچە ھازىرچە كوفى ئانناننىڭ پىلانىدىن باشقا بىر پىلان كۆرۈنمىسىمۇ، ئەمما بۈگۈن فرانسىيە پرېزىدېنتى فىرانكوئىس ھوللاندى سۈرىيىگە قارىتا قوراللىق ھەرىكەت يۈرگۈزۈش ئېھتىمالىنى پۈتۈنلەي چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇ بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ چوقۇم خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقايسى ئەللەرنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاينى ماقۇل كەلتۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئامېرىكا ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى جېي كارنېر سۈرىيىدىكى قىرغىنچىلىقنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ھەر ۋاقىت قوراللىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.