شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلىدى

2013‏-يىلى 1‏-ئاينىڭ 5-كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە 1-ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ۋە ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

0:00 / 0:00

يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ 2012-يىللىق خىزمەت دوكلاتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. كېيىن جەمئىيەتنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىپ، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدە بىرلىشىپ ئورتاق ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئەسلىدىكى غايىنى، ئۈستىمىزگە چۈشكەن ۋەزىپىنى، مەسئۇلىيەتنى تونۇپ يېتىش ۋە شۇ غايىگە يېتىش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 1-ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ۋە ئۇچرىشىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 5-يانۋار، تۈركىيە.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 1-ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ۋە ئۇچرىشىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 5-يانۋار، تۈركىيە. (RFA/Arslan)

يىغىندا يەنە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان جامائەت ئەربابلىرىدىن بىرى ئابدۇلئەزىز ئەپەندى سۆز قىلىپ بىرلىشىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. يىغىن ئىككى سائەت داۋام قىلغاندىن كېيىن كەچلىك تاماق زىياپىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.