ۋېنگرىيىنىڭ بۇداپېشت شەھىرىدە 8-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 15-كۈنىگە قەدەر ھۇن قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلدى. «قۇرۇلتاي» دېگەن مىلادىدىن ئىلگىرى ھونلار ھەر يىلى 8-ئايدا يايلاققا توپلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئات ۋە جەڭ ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ، پۈتۈن مىللەتنى باتۇرلۇققا يېتەكلەيدىغان مىللىي پائالىيەت (يايلاق مەشرىپى) تىن قالغان ئەنئەنە. بۇ پائالىيەتنى ھونلار ئەينى زامانلاردا «قۇرۇلتاي» دەپ ئاتايتتى.
ھۇن سەلتەنەتلىرىنىڭ تارىخىي مىراسى بولۇپ قالغان ۋېنگرىيە دۆلىتى )ئەسلى ھۇنگىرىيە، رۇس تىلىدا ھ تاۋۇشى بولمىغاچقا ۋېنگرىيە دەپ ئاتىلىپ قالغان( دە ياشايدىغان ئاساسى مىللەت ---مەھمۇد قەشقىرى تۈركىي تىللار دىۋانىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن ماجارلار، بۇ يىلقى ھۇن قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇرلارنى تەكلىپ قىلدى.
بۇ قۇرۇلتايغا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن گېرمانىيىدىن ۋە شۋېتسىيىدىن بولۇپ 20 دەك ئۇيغۇر كەلدى. بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىدىن ئۈمىد نەق مەيداندىن سۆزلەپ بېرىدۇ.
ئۈمىد ئاگاھىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى ھۇن قۇرۇلتىيىنى ۋېنگرىيىدىكى 10 مىليوندىن ئارتۇق ماجار خەلقى ئۆز ئالدىغا ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ قۇرۇلتايغا ئۇيغۇرلارنى تەكلىپ قىلغان. ئۇيغۇرلار بۇ قۇرۇلتايغا فولكلور ئۆمىكىنى ئېلىپ كەلگەن.
ئۈمىد ئاگاھىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋېنگرىيىدە ماجارلار ئۇيغۇرلارنى بارغانسېرى چوڭقۇر چۈشىنىۋاتىدۇ، يېقىندا خوتەن، قەشقەرلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىمۇ پۈتۈنلەي خىتايغا قارشى ھېسسىياتتا چۈشىنىدىكەن. ماجارلاردا ھازىر ئۇيغۇرلارغا بولغان يېقىنچىلىق، ھېسداشلىق بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ.
ئۈمىد ئاگاھىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم نۇسخىلىرىنى كۆرگەزمە قىلغان. قۇرۇلتاينىڭ كىرىش ئېغىزىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقىنى ئاسقان. بۇ قۇرۇلتايدا بىر قىسىم ماجارلار ئۇيغۇرچە دوپپا كىيىپ يۈرۈپتۇ.
ئۈمىد ئاگاھىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇداپېشت شەھىرىنىڭ سەھراسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ھۇن قۇرۇلتىيىغا كەلگەن ئۇيغۇرلار سەنئەت ماھارىتىنىلا ئەمەس، يېمەك ماھارىتىنىمۇ كۆرسەتكەن، ماجارلار پولۇ، كاۋاپ دېگەن سۆزلەرنى پىششىق ئۆگىنىۋالغان. ماجار ياشلىرى شەرقىي تۈركستانغا بارىمىز، ئۇيغۇرچە ئۆگىنىمىز، دەپ دەرسلىك ماتېرىيال سورىغان.