يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ۋېنگرىيىدىكى زىيالىيلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەت دائىرىسىدىكى خادىملار بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ۋېنگرىيىلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىپادىلەۋاتقان تارىخىي قېرىنداشلىق ھېسسىياتى ئۇيغۇرلارنى كۆپ سۆيۈندۈرمەكتە. ۋېنگرىيىدە 2011-يىلى ۋېنگرىيە قەلەمكەشلىرى ھەم ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ يىغىنى بولۇپ ئۆتكەنىدى.

ۋېنگرىيىدە ئىككى يىلدا بىر چاقىرىلىدىغان ھونلار قۇرۇلتىيىغا گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرى يىللاردىن بېرى قاتنىشىپ كېلىۋاتاتتى. بۇ قېتىم گېرمانىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق ئەللەردىن تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ھەم ۋەكىللىرى ۋېنگرىيە دائىرىلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇرچە سەنئەت نومۇرلىرىدىن ئۆز قېرىنداشلىرىنى ھۇزۇرلاندۇرۇش ھەم ھونلار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بۈگۈن پايتەخت بۇداپېشتقا قاراپ يولغا چىقتى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ۋېنگرىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۈچ كۈنلۈك بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىغا مەسئۇل بولغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بىلەن ئۇ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلىغايسىلەر.