«2500 يىللىق خىتاي ئىمپېراتورلۇق ھۆججەتلىرىدە ھونلار ۋە تۈركىستان» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

«2500 يىللىق خىتاي ئىمپېراتورلۇق ھۆججەتلىرىدە ھونلار ۋە تۈركىستان» ناملىق كىتابتا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشىغان تۈركلەر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ۋە كېلىشىملەرگە ئورۇن بېرىلگەن.

0:00 / 0:00

بۇ كىتاب پان نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنىدىغان بولۇپ، يازغۇچى ئەخمەتجان ئاسېنا ۋە ج.م. دې. گروت دېگەن كىشىلەر تەرىپىدىن يېزىلغان.

بۇ كىتاب ھونلار دۇنياسى، ھۇن دۆلەت تۈزۈمى، ئاسىيادا ھۇن ھاكىمىيىتى، گەنسۇ ۋە تۈركىستاننىڭ فەتھى، ھۇن دۆلەت سىياسىتى، ھۇن ۋە سەددىچىن سېپىلى، قۇتلۇق ھۇن ئەپسانىۋى دېگەنگە ئوخشاش تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىتابتا يەنە تۈركىستان، يىپەك يولى، ھىندىستان، ئافغانىستان، ئىران، شەرقىي تۈركىستان، يەركەن ۋە قەشقەر، نارىن ۋە ئىلى رايونى، شىمالىي تۈركىستان ۋە غەربىي تۈركىستان قاتارلىق جۇغراپىيىلەردە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر، ئۇ جۇغراپىيىلەردە ياشىغان تۈركلەر ۋە تۈركلەر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئۇرۇش ۋە كېلىشىملەرگە ئورۇن بېرىلگەن.

كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق يېزىلغان: بۇ ئەسەردە ئورۇن ئالغان يازمىلار، ئىنسانىيەتنىڭ، تۈركلەر ۋە تۈركىستان ھەققىدە ئىگە بولغان ئەڭ قەدىمى تارىخى يازمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ۋە بۇ مەنىدە ھونلارنىڭ ياكى بۈگۈنكى تونۇلۇشى بىلەن تۈركلەرنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تارىخلىرى يېزىلغان بولۇپ، دۆلەت باشقۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي باسقۇچلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بۇ ھۆججەتلەر ئاساس بولىدۇ. خىتاي تارىخلىرىدىن تەتقىق قىلىشتا چىققان نەتىجىگە قاراپ، تۈرك دۆلىتى مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىنى ھېسابلايدىغان بولساق، ھازىرقى تارىخىدىن تېخىمۇ ئۇزۇن، قەدىمى ۋە باي بىر تارىخقا ئىگە.

بۇ كىتابتا كىتابنىڭ يېزىلىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە مۇنداق يېزىلغان: دەسلەپتە ھونلار ۋە ياكى تۈركلەرگە ئالاقىدار ئەڭ قەدىمى 2500 يىل ئىلگىرى يېزىلغان ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمى يازمىلىرى ھېسابلانغان خىتاي يىلنامىلىرى ئاساس بولىدۇ. خىتاي تارىخچىلىرى تەخمىنەن 800 يىلدىن ئارتۇق ھونلار ھەققىدە تارىخ يازغان. موڭغۇلىستاننى مەركەز قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ھونلار ئىگىدارچىلىقىدىكى، بۈگۈنكى كورىيىدىن ھازار دېڭىز ساھىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى 18 مىليون كۋادرات كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر جۇغراپىيىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن.

كىتابتا يەنە ھۇن-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان: ھونلار خىتاينى ئىشغال قىلىشنىڭ ئورنىغا خىتايلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، ئۇلارنى پىدىيە تۆلىتىش يولىنى تاللىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ھۇن - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى « تىنچلىق ۋە قېرىنداشلىق كېلىشىمنامىسى» ئەسلىدە تىنچلىقنى ئېغىر بىر بەدەل تۆلەشنىڭ ئورنىغا سېتىۋېلىشنىڭ دىپلوماتىيە ئىپادىسىدۇر. كىتابتا يەنە تۈركلەرنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ھەققىدە، ساكالار دەۋرىدىن كېيىن ھونلارنىڭ كەلگەنلىكى، ھونلارنىڭ ساكالارنىڭ مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ياشىغانلىقى، كۆكتۈركلەر دەۋرىدە ھونلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلىقى، ئۇيغۇرلار دەۋرىدە قەلەمدە خەت يېزىشقا باشلىغانلىقى، ئورخۇن ئابىدىلىرىدىكى مەڭگۈ تاشلاردا يېزىلغان يېزىقلارنى ئۇيغۇرلار يازغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

كىتابتا يەنە مىلادىدىن ئىلگىرى 48-73‏-يىللار ئارىسىدا ھونلارنىڭ قەشقەر، يەكەن، ئاقسۇ، ئۈچ تۇرپان رايونلارنى مەركەز تۇتۇپ ياشىغانلىقىنى يازغان ۋە ئۇ دەۋرىدە شۇ شەھەرلەردە ياشايدىغان ھونلار ۋە ھونلارنىڭ سانى، ئەسكەر سانى ئاھالە سانلىرى يېزىلغان. يەكەن ھونلار دەۋرىدە ساكو دەپ ئاتالغان يەكەن پادىشاھلىقىدا2339 ئائىلىدىن تەركىب تاپقان، 16مىڭ 373 كىشى ياشىغان ۋە ئەسكەرلەرنىڭ سانى 3049 ئىكەن. كىتابتا يېزىلىشىچە، يەكەن شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدىكى ئەڭ قەدىمى شەھەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

ھونلار دەۋرىدە سۇلىك دەپ ئاتالغان قەشقەر شەھىرىدە ياشايدىغان ھونلارنىڭ سانى 1510 ئائىلىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ئومۇمىي نوپۇسى 18مىڭ 647 ئىكەن. قەشقەر پادىشاھلىقىنىڭ ئەسكەر سانى 2000 ئىكەن.

كىتابتا يېزىلىشىچە يەنە، ھونلار دەۋرىدە ئۈچ تۇرپان، ئۇتتو دەپ ئاتالغان، ئوتتونىڭ 300 ئائىلىدىن تەركىب تاپقان 2300 نوپۇسى بولۇپ ئەسكەر سانى 800 ئىكەن. ئۇتتو خەلقى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى يېزىلغان.

كىتابنىڭ ئاخىرىدا ھونلار دەۋرىدىكى خەرىتە ئورۇن ئالغان بولۇپ خەرىتىدە، ئالتاي، ئۈرۈمچى، تۇرپان قاتارلىق ئۇيغۇر شەھەرلىرى ئورۇن ئالغان. بىز ھونلارنىڭ خىتايلار بىلەن مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.