ئۇيغۇر خەلقى يەنە بىر سەنئەت پېشۋاسىنى «ئەلۋىدا» دەپ ئۇزاتتى. ھاياتىنى ساز بىلەن، ئىجادىيەت بىلەن ئۆتكۈزگەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مۇزىكا پېشۋالىرىدىن، تەۋەررۈك تەمبۈرچى ئۇستاز، مۇقامچى، كومپوزىتور ھۈسەنجان جامى ئاكا 2011 يىلى 8-نويابىر، قۇربان ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى سەھەر سائەت 6دە كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىدە خەلقى بىلەن مەڭگۈگە ۋىدالاشتى. مەرھۇمنىڭ ئۈرۈمچى بەيتۇل مەئېمۇر مەسچىتى (نوغاي مەسچىتى) دە چۈشۈرۈلگەن نامىزىغا نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر داخىل بولغان، مەرھۇم چوڭقۇر ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە خەيرلىك دۇئالار بىلەن گۇلساي قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.
ئىلىدىكى داڭقى چىققان تەمبۈرچى شاكىر ئاخۇنۇمدىن باشلانغان تەمبۈرچى جەمەتىنىڭ تۆتىنچى ئەۋلادى ئۇستاز ھۈسەنجان جامى ئاكا 9 يېشىدىلا سەنئەت ھاياتىنى باشلىغان، ئۇنىڭ ھاياتىنى تەمبۈرىگە جور بولۇپ ئۆتكەن ھايات دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۆزى دائىم ئېيتقىنىدەك ساز ئۈستىگە تۇغۇلۇپ ساز بىلەن ئۆسۈپ يېتىلگەن. شۇڭا ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتى، بولۇپمۇ تەمبۈرگە بولغان ئالاھىدە ئىشتىياقى ۋە ئىجتىھاتى ئۇنى 15 يېشىدىلا ئىلى سەنئەت ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنىپ، سەنئەت ئۇستازلىرى ئابدۇۋەلى جارۇللا، زىكرى ئەلپەتتالار بىلەن بىرگە رەسمىي سەنئەت ھاياتىغا باشلاپ كىرگەن، ئۇ 1950-يىلى تۇنجى قېتىم يۈكسەك ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان «ئەجەم» مۇزىكىسىنى تەمبۈر بىلەن سەھنىدە ئورۇنلاپ، مۇزىكا تالانتى ۋە قابىلىيىتى بىلەن خەلقنىڭ قەلبىدە ۋە ئۇيغۇر سەنئەت ئاسمىنىدا ياش يۇلتۇز بولۇپ چاقنىغان.
ئۇ تەمبۈر چېلىشتىكى قايىل قىلارلىق تالانتى بىلەن يەنە ئىلگىرىكى شەرقىي تۈركىستان رەھبەرلىرىدىن غېنى باتۇر ۋە قېيۇم بەگ غوجىلارنىڭ تارتۇقلىشىغا مۇيەسسەر بولغان ئىكەن.
1953-يىلى ئۇيغۇر ئېلى ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ كېلىپ ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا نۇرغۇن تۆھپە قوشقان، 1970-يىلىدىن باشلاپ، مۇقام تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا يېتەكچىلىك قىلغان.
ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى تېيىپجان ئېلىيۇپ ئۇنىڭ تالانتىغا قول قويۇپ:
ھەق ئىدى بولسا لەقەم تەمبۈر ساڭا،
سەن ئۇنىڭغا جور، ئۇمۇ جوردۇر ساڭا،
سەن كەبى كىم سايرىتالايدۇ ئۇنى،
يا چىقارغانمۇ ئاتاپ ئۇيغۇر ساڭا؟
دەپ مۇۋەششەھ يازغان ئىكەن.
يېتۈك تەمبۈرچى ئۇستاز ھۈسەنجان جامى ھاياتىدا شاگىرتلىرىغا «تەمبۈرنىڭ تىلى يۈرەكتە، چېلىشنىڭ سىرى بېلەكتە، تەمبۈر چېلىش ئۈچۈن يۈرەكتە مۇڭ، بىلەكتە ماغدۇر بولۇشى كېرەك» دەپ تەكرار ئېيتاركەن.
كومپوزىتور ئۇستازنىڭ سازەندىلىكتە يەنى تەمبۈر چېلىشتا قوشقان تۆھپىسى ئالاھىدە بولۇپ، ئۇ تەمبۈرگە ناخۇن ئۇرۇش ۋە پەدە بېسىش جەھەتتە ئەسلىدىكى يەتتە خىل چېلىش فورمىسىنى ئىجادىي تۈردە راۋاجلاندۇرۇپ 13 خىلغا يەتكۈزگەن.
يەنى ئادەتتە تەمبۈر چېلىشتا ناخۇن ئۇرۇش ۋە پەدە بېسىش تۈرى سەكتە، يەكتە، مەرغۇللىتىش، سادا چىقىرىپ چېلىش، ئالماشتۇرۇپ چېلىش، سېيرىپ چېلىش، ئەگىتمە چېلىشتىن ئىبارەت يەتتە خىل بولۇپ، ھۈسەنجان جامى ئۇستاز بۇ يەتتە ئاساسقا يەنە قىيغىتما، ياندۇرما، سېيرىپ سەكرىتىش، چېكىپ سەكرىتىش سېيرىپ ئۇششاق مەرغۇللىتىش، يۇقىرى تۆۋەن سېيرىپ سادا چىقىرىشتىن ئىبارەت ئالتە خىل چېلىش ماھارىتى كۆپەيتىپ، تەمبۈرنىڭ مۇزىكىلىق خۇلقلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەمبۈر چېلىش ماھارىتىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن.
ئۇنىڭ ئالاھىدە يېتۈك ماھارەت بىلەن چالغان ئاھاڭلىرى، ئىشلىگەن مۇزىكىلىرى يېقىملىقلىقى، ھېسسىياتقا بايلىقى بىلەن كىشىلەردە ئۇنتۇلغۇسىز، مەپتۇن قىلارلىق لىرىك تەسىرلەرنى قالدۇردى.
بىز مەرھۇمنىڭ سەنئەت ھاياتى ھەققىدە تەمبۈرگە ئوخشاشلا ئىشتىياق باغلاپ، سەھنىلەردە، سورۇنلاردا، جامائەت ئىچىدە بىرگە بولغان مۇقامشۇناس تەمبۈرچى ئۇستازلاردىن ئابلىز شاكىر ئاكىنى زىيارەت قىلدۇق، ئۇ ئۇستازىنى پەخىرلىنىش ئىلىكىدە ئەسلەپ ئۇنىڭ سەنئەتلىك ھاياتىغا يۇقىرى باھا بەردى.
ھۈسەنجان جامى ئاكا ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى رەتلەش، تەتقىق قىلىش، سەھنىلەشتۈرۈش، ئىشلىرىدا يېتەرلىك تۆھپىلەرنى قوشقان «10 نەپەر ئاتاقلىق مۇقامچى» نىڭ بىرى، ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى رەتلەش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش، تېخىمۇ كېڭەيتىشتە ئىنتايىن زور ئەجىر سىڭدۈرگەن ئۇستاز ئاتا سەنئەتكارلارنىڭ بىرى.
ھۈسەنجان جامى، ئۆزىنىڭ تۆھپىلىرى بىلەن ئۇيغۇر سەنئەت ئاسمىنىدا، خەلقنىڭ قەلب تۆرىدە مەڭگۈ ئۆچمەس يۇلتۇزنىڭ بىرىدۇر.