
سىياسىي پائالىيەتلىرى تۈپەيلى 1990 - يىللىرى چەتئەلگە قېچىپ چىققان ھۈسەنجان جېلىل، 2001 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن كاناداغا كېلىپ، كانادا پۇقرالىغا ئۆتكەن، ئۇ بۇ يىل ئايالى ۋە ئۈچ بالىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆزبېكىستانغا ئۇرۇق - تۇققانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بارغان. ئۆزبېك دائىرىلىرى 27 - مارت كۈنى، ھۈسەنجان جېلىلنى قولغا ئالغان ئىدى.
گەرچە، كانادا ھۆكۈمىتى، ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئۆزبېك دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۆزبېكىستان تەرەپ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا ھۈسەنجان جېلىلنى يەنىلا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن.
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەنجان جېلىلنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئۇنىڭ ئايالى كامىلەگە خەۋەر قىلغان.
كانادا پۇقراسى ئۇيغۇر ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا غۇل - غۇلا قوزغاپلا قالماي، خەلقئارا جەمىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.
نۆۋەتتە كانادا ھۆكۈمىتى، ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن، كانادا مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پىتېر ماككەي پەتەر ماككاي ، ئۆزبېكىستاننىڭ ھۈسەنجان جېلىلنى كاناداغا قايتۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىگە بىر دىپلوماتىك نوتا تاپشۇرغان. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى.
بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، مۇخبىرىمىز ئەقىدە ئۆزبېكىستاننىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى، ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىمنىڭ ئانىسى ۋە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندىنى تېلېفون زىيارىتى قىلدى.