ھۈسەيىن ئىلياس: سىياسىي ئىسلاھات-ھەرىكەتلەر بىزنى بالداقمۇ-بالداق يوقىتىشقا قارىتىلغان

تارىختىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە تايانغان ھالدا، ئۆز ئىگىلىكىنى تىكلەشكە، يەنى سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا قاراپ قەدەم تاشلىغان ئىدى.

0:00 / 0:00

50-يىللارنىڭ باشلىرىدا ماۋ زېدۇڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلابقا تېز ئۆتۈش تەكلىپىنى بەرگەندە، ئۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلار بولسا، سوتسىيالىزمغا ئۆتۈشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك لىنىيىسى تەرەپدارى بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىسى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن مەملىكەت مىقياسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ئىسلاھاتلاردىن مىليونلىغان ئاھالە زەرداب چەكتى. مەسىلەن، 1955-يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى دېھقانلار ئۈستىدىن ئىجتىمائىي-سىياسىي نازارىتىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە يېزىلاردا كوپىراتسىيىلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە دېھقانلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا ۋىلايىتى تالغىر ناھىيىسىنىڭ يۇرت مۆتىۋىرى ھۈسەيىن ئىلياس ئاكا 50- ۋە 60-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەر خىل سىياسىي ئىسلاھات-ھەرىكەتلەردە ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرى ھەم خەلق بېشىغا كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلەر ھەققىدە توختالدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.