كانادانىڭ بۇرلىنگتون رايونىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھۈسەيىن جېلىلنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى قوزغىدى
2011.03.02
ھۈسەيىن جېلىل 2006-يىلى ئۆزبېكىستانغا تۇغقان يوقلاشقا بارغاندا تۇتقۇنغا ئۇچراپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. كېيىنكى يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەن. خىتاي ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ، كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. كانادا ھۆكۈمىتى بىر مەزگىل ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىغان. يېقىنقى بىر-ئىككى يىلدىن بېرى، بۇ مەسىلە ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان ئىدى. بۇنداق بىر پەيتتە كانادادىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھۈسەيىن جېلىلنى قوللاش ھەرىكىتى قوزغىدى.
1-مارت سەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئۈرۈمچىدىكى باجياخۇ تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ 41 ياشقا تولغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى ئىدى. ھۈسەيىن جېلىلنىڭ قاراڭغۇ تۈرمە كامىرىدا تۇغۇلغان كۈنى ئېسىگە كەلگەن-كەلمىگەنلىكى بىزگە مەلۇم ئەمەس. لېكىن، ئۇنىڭ نەچچە ئون مىڭ چاقىرىم يىراقتىكى كانادانىڭ بۇرلىنگتون رايونىدا بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىمزا توپلاش پائالىيىتى قوزغاپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ھەمدە كانادا ھۆكۈمىتىگە تۇغۇلغان كۈنى خاتىرە كارتىسى يوللاپ، ھۈسەيىن جېلىلنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى خاتىرىلەتكەنلىكىدىن خەۋىرى يوقلۇقى مەلۇم.
كانادانىڭ ئونتارىئو ئۆلكىسىدىكى بىر يەرلىك گېزىتنىڭ چارشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئائىلىسى ئولتۇرۇشلۇق مەزكۇر ئۆلكىنىڭ بۇرلىنگتون رايونىدىكى سانت توماس مور كاتولىك ئوتتۇرا مەكتىپى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىمزا توپلاش پائالىيىتى قوزغاپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرىگە ئۇلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر پائالىيەتنى سانت توماس مور كاتولىك ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ دىن دەرسى ئوقۇتقۇچىسى لاۋرا مەكدونالد خانىم ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار سەيشەنبە كۈنى ھۈسەيىن جېلىلنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، خىتاينىڭ تورونتودىكى كونسۇلخانىسىغا يوللىنىدىغان خەتكە 1000 كىشىلىك ئىمزا توپلىغان. ئوقۇغۇچىلار يەنە ئوتتاۋاغا 250 دانە تۇغۇلغان كۈن خاتىرە كارتىسى ئەۋەتىپ، كانادا ھۆكۈمىتىگە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى خاتىرىلەتكەن.
كانادانىڭ ئونتارىئو ئۆلكىسىدە چىقىدىغان «خامىلتون كۆرۈرمەنلەر» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە نەقىل كەلتۈرۈشىچە، مەزكۇر پائالىيەتنى قوزغىغان ئوقۇتقۇچى لاۋرا مەكدونالد خانىم «بۇ پائالىيەت (ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى) كامىلە تېلەندىبايېۋا خانىمنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەن. كامىلە تىلەندىبايىۋا خانىم بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ پائالىيىتىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىز سانت توماس كاتولىك ئوتتۇرا مەكتىپىگە تېلېفون قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مەزكۇر پائالىيەتكە ئۇيۇشتۇرغان مەكدونالد خانىمنى زىيارەت قىلماقچى بولغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلەشكىلى بولمىدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتى ۋە كانادا مەتبۇئاتلىرىدا تىلغا ئېلىنىشى بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىۋاتقان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ يەنە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ 5 يىللىقىغا توغرا كەلگەن ئىدى.
ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى بىر مەزگىل كانادانىڭ ستېفان خارپېر ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ئارىسىدا تالاش-تارتىشتىكى جىددىي مەسىلىگە ئايلىنىپ، كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چۈشمەيدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان. باش مىنىستىر خارپېر 2006-يىلى 11-ئايدىكى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا خۇ جىنتاۋ بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
لېكىن، كانادا ھۆكۈمىتى 2008-يىلدىن كېيىن، بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنى بىر ئاز يۇمشىتىپ، بۇ مەسىلىنى بۇرۇنقىدەك ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئېھتىيات قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەتتىكى بېريۇسسېلدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، كانادادىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندى بىر مەزگىل ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىگە ئارىلىشىپ، مەزكۇر ۋەقەنى يېقىندىن تەقىب قىلغان شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن رەسمىي يوللاردا سۆزلىشىپ، ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتقۇزۇش پىلانى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغانلىقىنى، ھازىر ئۇلارنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، يەڭ ئىچىدە ھەل قىلىش يولىنى تۇتۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئارىغا ۋاسىتىچىلەرنى قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ستىفان خارپېر ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدىكى بۇرۇنقى پوزىتسىيىسى سەۋەبلىك كانادا-خىتاي ئارىسىدا پەيدا بولغان يىرىكچىلىك كانادا پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھلار ۋە خىتاي بىلەن سودا قىلىدىغان كارخانا ساھەسىدىكىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئۇلار خارپېر ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسى كانادا-خىتاي سودىسىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، كانادانىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتى خارپېر ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قوزغاپ، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان كانادا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ چېكىنىپ كەتكەنلىكى، ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىڭ تېررورلۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، كانادانىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسى" خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
كانادا بىلەن خىتاينىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپىنىڭ نېگىزى خىتاينىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى «خىتاي پۇقراسى» دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ 2005-يىلى كانادا پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى باھانە قىلىپ، كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى زىيارەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ سوتىغا قاتنىشىش تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدى. كامىلە تىلەندىبايىۋا خانىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئاتۇشتىكى ئانىسى ۋە ھەدىسىنىڭ ھەر 3 ئايدا بىر قېتىم 30 مىنۇت كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلماقتا ئىكەن. لېكىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بېريۇسسېلدىكى ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى، خىتاينىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىشتا ئاساسلىقى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە پسىخولوگىيىلىك بېسىم پەيدا قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇرلىنگتوندىكى سانت توماس مور ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسىغا يوللايدىغان خېتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇشنى، ئۇنى يالغۇز كىشىلىك كامىرىغا سولاپ، ئايرىم تۇتماسلىقنى، يېتەرلىك يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا-دەرمەك بىلەن بىلەن تەمىنلەشنى ۋە شۇنداقلا ئۇنى قويۇپ بېرىپ، ئائىلىسىگە قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. «خامىلتون كۆرۈرمەنلەر» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە نەقىل كەلتۈرۈشىچە، سانت توماس مور ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان 12-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى تاراس خېمون، بۇ پائالىيەت ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى كىشىلىك ھوقۇق، سۆز ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئەركىنلىك سانت توماس مور ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ قىممەت ئۆلچىمى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم، دېگەن. ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادادىكى 4 ئوغلىنىڭ كىچىكى 4 ياش، چوڭى 11 ياشلاردا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى دادىسىنى كۆرۈشتۈر. ئۇنىڭ ئايالى كامىلە خانىم «خامىلتون كۆرۈرمەنلەر» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا ئۇلارنىڭ بۇ يىل دادىسىنى يوقلاپ كېلىش پىلانى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.