ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خانىمى ئۇنىڭ تۈرمە ئىچىدە يازغان خېتى ھەققىدە توختالدى

ئۆزبېكىستان تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ۋە 2007 ‏- يىلى ئاپرىلدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئانىسى ۋە ئايالى يېقىندا ئۇنىڭدىن بىر پارچە مەكتۇپ تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، ھۈسەيىن جېلىل ئۆزىنىڭ بۇ مەكتۇپىدا ئانىسىغا بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خانىمى كامىلەنىڭ بېيجىڭدىكى كانادا ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقە قىلىشىنى، ئەلچىخانىدىن بىرەر كىشىنىڭ كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ كېتىش ئارزۇلىرىنى بايان قىلغان.

0:00 / 0:00

ھۈسەيىن جېلىل خېتىدە، ئايالى كامىلە ۋە پەرزەنتلىرىنى ھەمدە قەشقەردىكى ئىككى پەرزەنتىنى كۆپتىن - كۈپ سېغىنغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ھۈسەيىن جېلىل يەنە، " ئايالىم كامىلەنى ئەسلەيمەن، كامىلە بىلەن ئالاقە قىلىشىپ تۇرۇۋاتامسىلەر؟ ئۇ نېمە دەيدۇ؟ بىرەر ياخشى كۈن بولارمۇ؟ مەنمۇ ھاياتلىققا ئېرىشەلەرمەنمۇ؟ دەپ غەم ئەندىشە قىلىپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزىمەن " دېگەن.

ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تۈرمە ئىچىدە يازغان بۇ خېتى، كانادانىڭ داڭلىق گېزىتى ھېسابلانغان Glob and Mail گېزىتىدە نەشر قىلىنغان . بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خانىمى كامىلەنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدە ھازىرلىغان سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر.