ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇنىڭ ئاچىسى بىلەن سۆھبەت

كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندى 2006 ‏- يىلى تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن كانادادىن ئۆزبېكىستانغا بارغاندا قولغا ئېلىنىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، شۇنداقلا خىتاي تەرىپىدىن " تېررورچى" دەپ ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا تارتىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

كانادا دائىرىلىرى خىتايدىن ھۈسەيىن جېلىلنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. 3 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە جازالىنىۋاتقان ھۈسەيىن جېلىلنىڭ نۆۋەتتە سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى، بولۇپمۇ روھى جەھەتتىن قاتتىق زەربىگە دۇچار بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بىز تېخى يېقىندىلا ھۈسەيىن جېلىل بىلەن ئۇچراشقان ۋە سۆھبەتلەشكەن، ئۇنىڭ ئاچىسى خەيرىگۈل خانىمنى تېلېفۇن ئارقىلىق زىيارەت قىلىپ، ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئاچىسى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.