كانادادا چىقىدىغان يەر شارى پوچتىسى گېزىتىنىڭ 13 - ئۆكتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، ھۈسەيىن جېلىلنى ئانىسى ۋە ئاچىسى بىلەن كۆرۈشتۈرگەن بولۇپ، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئانىسى شۇنىڭدەك ئاچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار ئىكەن. گەرچە ھۈسەيىن جېلىل تۈرمە دائىرىلىرىگە دوختۇرغا كۆرۈنۈش ھەققىدە كۆپ قېتىم ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەلىپى ئورۇندالمىغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئانىسى ۋە ئاچىسى بىلەن تېلېفۇن ئارقىلىق سۆزلىشىپ، ھۈسەيىن توغرىسىدا مەلۇماتلارغا ئىگە بولغان ۋە ئىستانسىمىزغا ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى ھەققىدە ئەھۋال يەتكۈزدى.
2005 - يىلى كانادا پۇقرالىقىغا ئېرىشكەن ھۈسەيىن جېلىل، 2006 -يىلى ئايالى كامىلە بىلەن كانادادىن، تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن ئۆزبېكىستانغا بارغاندا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئىدى. خىتاي خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي ھۈسەيىن جېلىلنى " تېررورچى" دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بىلەن جازالىدى.
2007 - يىلى خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى " باجاخۇ " تۈرمىسىگە قامالغان ھۈسەيىن جېلىل، نۆۋەتتە قاتتىق نازارەت ئاستىدا بولۇپ، ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىمۇ چەكلەنگەن ئىدى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ئاچىسى بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇلغانلىقى ۋە ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقتى.