ئەگەر بۇ زىيارەت ئەمەلىيلەشسە، بۇ ستېپھېن ھارپېرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق خىتاي زىيارىتى بولۇپ قالىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر بۇ زىيارەتكە ئامېرىكا ئىقتىسادىدىكى چېكىنىشتىن كېلىپ چىققان كانادا ئېكىسپورتىدىكى تۇرغۇنلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەش ئۈچۈن دەپ باھا بەردى.
ستېپھېن ھارپېرنىڭ بۇ زىيارىتى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەقدىرىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنمۇ؟
دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، دالاي لاما مەسىلىسى ۋە كانادالىق ئۇيغۇر ھۈسەيىن جېلىل دىلوسى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر يۈزىدىن خىتاي دائىرىلىرى بىلەن 4 يىلغا يېقىن يىرىك مۇناسىۋەتنى باشتىن كەچۈرگەن كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن ھارپېرنىڭ 2009-يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق خىتاي زىيارىتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇقلۇققا خاتىمە بېرىپ، مۇناسىۋەتلەرنىڭ يۇمشىشىغا ئاساس سالغان ۋە بۇنىڭغا جاۋابەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 2010-يىلى كانادادا زىيارەتتە بولغانىدى.
ستېپھېن ھارپېر بۇ زىيارەتنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ پۇرسىتى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇنىڭ بۇ قېتىم خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتى، يەنى ئىككى دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى نورمال بېرىپ-كېلىشنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
بۇ يىل ئىيۇل ئېيىدا خىتايدا زىيارەتتە بولغان كانادانىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوھن بائىرد خىتاينى «دوست»، «ئىتتىپاقداش» دەپ ئاتىغان ۋە ئۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى «ئىستراتېگىيىلىك ئورتاقلىق» مۇناسىۋىتى دەپ تەسۋىرلىگەنىدى. ھالبۇكى، 2005-يىلى پائۇل مارتېن رەھبەرلىكىدىكى لىبېرال پارتىيىسى ھۆكۈمىتى دەۋرىدە خىتاي بىلەن ئورنىتىلغان بۇ «ئىستراتېگىيىلىك ئورتاقلىق» قا، ستېپھېن ھارپېر رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھۆكۈمىتى ئىزچىل سوغۇق قاراپ، بۇ سىياسىي ئاتالغۇنى ھېچ تىلغا ئالمىغانىدى. جوھن بائىردنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بۇ سىياسىي مۇناسىۋەتنى ئېتىراپ قىلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر.
مىنىستىر جوھن بائىردنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىنلا، 12 يىلدىن بېرى كانادا ياشىغان، خىتاي تەرىپىدىن ئەتكەسچى دەپ ئەيىبلەنگەن لەي چاڭشىڭنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىمۇ، كانادانىڭ خىتايغا يەنە بىر جىلۋىسى دېيىشكە بولىدۇ.
كانادا جاسۇسلۇققا قارشى ئورگىنى يەنى-كانادا بىخەتەرلىك-ئىستىخپارات ئىدارىسى 2006-يىلىدىن بۇيانقى، يىللىق دوكلاتلىرىدا، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ كانادانىڭ ئىقتىسادىي،سىياسىي، سانائەت، پەن-تېخنىكا ۋە ھەربىي ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرىپ، جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن جىددىي شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى، كاناداغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەنىدى. لېكىن بۇ ئورگاننىڭ بۇ يىلقى دوكلاتىدا، چەتئەل جاسۇسلىرىنىڭ كاناداغا جىددىي تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى-يۇ، خىتاينىڭ ئىسمى ئالاھىدە ئەسكەرتىلمىدى. يەنى كانادا، جاسۇسلار مەسىلىسىدىكى دوكلاتىدا، «قىزىم ساڭا دەي، كېلىنىم سەن ئاڭلا» دېگەندەك يېڭىچە تاكتىكىنى قوللىنىپ،خىتاينى رەنجىتمىدى.
يوقىرىقىلار پەقەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەتكە كۆلەڭگە چۈشۈردى دەپ قارالغان ۋە خىتاي كۆڭۈل بۆلگەن بەزى تۈگۈنلەرنىڭ كانادا تەرەپتىن يېشىلگەنلىكىنى ياكى يېشىلىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئۇنداقتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نۆۋەتتىكى بۇ «ئىللىق ھاۋا» بولۇپمۇ، لەي چاڭشىڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى-كانادا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە 6 يىلدىن بېرى، خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەلىشى مۇمكىنمۇ؟
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش بۇ مەسىلىدە ئانچە ئۈمىدۋار ئەمەس ۋە ئۇ خىتاينىڭ يۈزىنىڭ، ئالدىراپ چىمىلداپ كەتمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل 2005-يىلى ئۆزبېكىستانغا زىيارەتكە بارغاندا، ئۆزبېك دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى 2007-يىلى ئاتالمىش «تېررورلۇق جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەپ،ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەنىدى.
كانادا دائىرىلىرىنىڭ باياناتلىرىغا قارىغاندا، كانادا ئەمەلدارلىرى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇلاردىن ھۈسەيىن جېلىلنى كاناداغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئەمەس،بەلكى كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ تۈرمىدىكى ھۈسەيىن جېلىلنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.
رۇقىيە تۇردۇش بۇنى خىتاينى چۆچۈتمەسلىك ۋە كىچىك قەدەملەر ئارقىلىق ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ئارىلىقنى كىچىكلىتىش تاكتىكىسى،دەپ چۈشەندۈردى.
ئەگەر كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمىتى بۇرۇنقى لىبېرال پارتىيىسى ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئىمزالانغان، خىتاي بىلەن «ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق» مۇناسىۋىتىنى ئاغزىنىڭ ئۇچىدىلا تىلغا ئېلىپ قويۇش ئەمەس، بەلكى ئۇنى راستىنىلا ئېتىراپ قىلسا، ئۇنداقتا كانادا خىتايدىن ئىبارەت كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەت بىلەن بۇ خىل سىياسىي مۇناسىۋەتنى ئورناتقان تۇنجى غەرب دۆلىتى بولۇپ قالىدۇ شۇنداقلا يەنە خىتايمۇ ئۆزى «ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق» مۇناسىۋىتىنى ئورناتقان دۆلەتنىڭ پۇقراسىنى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان دۆلەت دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ.
كانادا دائىرىلىرى،ستېپھېن ھارپېرنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ كۈن تەرتىپى ۋە بۇ زىيارەتنىڭ كونكرېت پروگراممىلىرىنى ھازىرغىچە ئاشكارىلىمىدى.