« ئىبنى كەسىر تەپسىر »نىڭ تولۇق نامى «تەپسىرى قۇرئان ئەزىم» بولۇپ، مىلادىيىنىڭ 1301 - يىلى ھازىرقى سۈرىيىنىڭ دەمەشىق شەھىرىدە دۇنياغا كېلىپ، 1372 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن مەشھۇر مۇپەسسىر ئالىم ئىسمائىل ئىبنى ئۆمەر ئىبنى كەسىر دېگەن كىشى تەرىپىدىن ئەرەب تىلىدا يېزىلغان ئەڭ مۆتىۋەر تەپسىردۇر. ھازىرغا قەدەر دۇنيادا نەچچە يۈزلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.
ئىبنى كەسىر تەپسىرىنىڭ يورۇق كۆرۈشى
21 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەسەرلەرنى يېزىش ۋە تەرجىمە قىلىش پائالىيىتى يۈكسىلىشكە باشلىدى. چەتئەللەردە ھەر خىل دىنىي بىلىمگاھلارنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرى تەرىپىدىن دىنىي ئەسەرلەر كۆپلەپ يورۇق كۆرۈشكە باشلىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار تەرجىمە قىلغان دىنىي ئەسەلەرنىڭ ئەڭ مەشھۇرى ئىبنى كەسىر تەپسىرى بولدى. بۇ تەپسىرنى تەرجىمە قىلىش ئىشىنى ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار بىر قانچە ئون يىللىق جاپالىق ئەمگەك سىڭدۈرۈش نەتىجىسىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان ئىدى.
مۇندىن ئىلگىرى بۇ تەپسىرنىڭ تۇنجى نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا كەڭ تارقىتىلغان ئىدى. بۇ قېتىم مەزكۇر ئەسەرنىڭ قايتا تەھرىرلەنگەن نۇسخىسى لىۋاندا نەشر قىلىندى. ھازىر بۇ تەپسىر سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررە شەھىرىدە ئۇيغۇر ھاجىلارغا كەڭ تارقىتىلىپ كەلمەكتە.
«ئىبنى كەسىر تەپسىرى»نىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى نەشرلىرىنىڭ يورۇق كۆرۈشى يولىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى ناھايىتى زور كۈچ چىقارغان بولۇپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارغا تارقىتىش ئىشلىرىدىمۇ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئايىماستىن خالىسانە خىزمەت قىلماقتا.
سىراجىددىن ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «ئىبنى كەسىر تەپسىرى»گە بولغان تەلەپ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. بۇ تەپسىرنىڭ بىرىنچى قېتىملىق نەشرى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، كىشىلەر ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق نەشرىگە ئىنتىزار بولغان ۋە ئانا ۋەتەندىن ھەجگە كېلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئىزدەيدىغىنى ئىبنى كەسىر تەپسىرى ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارمۇ ھەج ياكى ئۆمرىگە چىققۇچىلاردىن سورايدىغىنى بۇ تەپسىر ئىكەن. شۇڭا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇ يۇقىرى تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ تەپسىرنىڭ نۆۋەتتىكى تىراژى ئۈچ مىڭ نۇسخا بولۇپ بېسىلغان.
«كەسىر تەپسىرى»نىڭ ھەجمى
«ئىبنى كەسىر تەپسىرى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق نەشرى ئۈچ توم قىلىپ نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق نەشرى 6 توم قىلىنغان. ھەر بىر تومى تەخمىنەن 800 بەتتىن بولۇپ، ھەممىسى 4800 بەتتىن كۆپرەك كېلىدۇ. تەپسىرنىڭ بۇ نۇسخىسى خېتى ناھايىتى روشەن، ئۆزى ئىخچام، كۆتۈرۈشكە ئەپلىك بولۇپ چىققان.