مەدىنە مۇنەۋۋەرە كۇتۇپخانىسىدا ئىشلىگەن ئۇيغۇر-ئىبراھىم قارى داموللا
2012.04.30

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ھەج» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىلى 20-ئاپرېل سانىدا «ئىلىم-مەرىپەتنىڭ مەركىزى بولغان مەدىنە كۇتۇپخانىسى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«مەدىنە مۇنەۋۋەرە كۇتۇپخانىسى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى كۇتۇپخانىلار ئىچىدە قەدىمىيلىكى ۋە زاماننىڭ تەلىپىگە مۇناسىپ تەرەققىياتى جەھەتتىن مەشھۇر كۇتۇپخانىلارنىڭ بىرىدۇر. كۇتۇپخانا كېچە-كۈندۈز خەلققە ئوچۇق بولۇپ، ئەڭ ئىلغار ئۇسۇللار بىلەن خىزمەت بېرىپ كەلمەكتە. بۇ كۇتۇپخانا 1933-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ خەلققە بېرىدىغان خىزمەت ئۇسۇللىرىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. ھازىر بۇ كۇتۇپخانىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئەڭ كاتتا ۋە ئەڭ ئەھمىيەتلىك كۇتۇپخانىسى دېسەك مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز. كۇتۇپخانىنىڭ بۆلۈملىرى ئەرلەر زالى، ئاياللار زالى ۋە بالىلار زالى، قوليازمىلار بۆلۈمى، ئاۋازلىق ئەسەرلەر بۆلۈمى، ئېلېكترونلۇق ئەسەرلەر بۆلۈمى دەپ بىر قانچە بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۇتۇپخانىنىڭ خىزمەتلىرىمۇ ھازىرقى زاماننىڭ تەقەززاسىغا مۇناسىپ ھالدا تەرەققىي قىلىپ ماڭغان. سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى مەزكۇر كۇتۇپخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي تاپقان ئۇسۇللار ۋە سىستېمىلاردىن پايدىلىنىپ كۇتۇپخانىنى بېيىتقان.»
مەدىنە كۇتۇپخانىسىدا ئىشلىگەن ئۇيغۇرنىڭ قىسسىسى
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، مەدىنە شەھىرىدىكى خوتەن ۋەقىپ ئۆيىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە باشلامچى بولغان خوتەنلىك ئىبراھىم قارى داموللام دېگەن كىشى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى مەزكۇر كۇتۇپخانىدا 1963-يىلدىن 1969-يىلىغىچە 7 يىل خىزمەت قىلغان ئىكەن. ئىبراھىم قارى داموللام بۇ جايدا تۈرك، پارس ۋە ئەرەب تىللىرىدا يېزىلغان قەدىمكى نادىر قول يازما ئەسەرلەرنى رەتلەش ۋە تەرجىمە قىلىش ئىشىنى ئېلىپ بارغان ئىكەن.
مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى خوتەن ۋەخپىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللا دۆلەتنىڭ ئېيتىشىچە، ئەللامە ئىبراھىم قارى داموللام 1896-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيىسىدىكى جىلغامان كەنتىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر ئۆلىما كىشىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىكىدە ئاتىسىدا ئوقۇپ يېتىشكەندىن كېيىن، قەشقەر خانلىق مەدرىسىگە كېلىپ ئوقۇغان. 1911-يىلى يەنە كۆپلەپ ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدا قەشقەردىن ئايرىلىپ، بۇخاراغا يولغا چىقىدۇ. بۇخاراغا بارغاندىن كېيىن، ئۇجايدا مەشھۇر ئۆلىمالارنىڭ قولىدا ئۇزۇن يىل ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن بولىدۇ. كېيىنچە ئۇ مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىگە ئىشتىياق باغلاپ سەپەرنىڭ تەييارلىقىنى قىلىدۇ ۋە ئۇجايدىكى ئۇستازلىرىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىپ ھەرەم سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ.
شۇنداق قىلىپ ئىبراھىم قارى داموللام 1930-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەن ۋە 1934-يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەردىكى پەيغەمبەر مەسچىتىگە رەسمىي مۇدەررىسلىككە تەيىنلەنگەن. 1963-يىلى مەدىنە كۇتۇپخانىسىغا ئىشقا كىرگەن ۋە 1969-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن.