خىتاي دائىرىلىرى ئىچكى موڭغۇل ئۆكتىچىلىرىگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتتى

ئىچكى موڭغۇلدىكى خىتايغا قارشى ئۆكتىچى پىكىر ئېقىملار ئۇزۇن مەزگىلدىن بېرى خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئانچە تونۇلماي كەلگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

يېقىندىن بېرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئۆكتىچى رەھبەرلىرىدىن خادانى تۈرمىدىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم ئۆكتىچى موڭغۇل زىيالىيلىرىنى نەزەربەند قىلىشى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىچكى موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولغان دىققىتىنى تارتقان ئىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكىدىكى ئىچكى موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى موڭغۇل ئۆكتىچىلىرىگە قارىتىلغان نەزەربەندنى بىكار قىلىشقا چاقىرماقتا.

خادا، تېمسىلت شوبشۇت، خۇچۇنتېگۇس قاتارلىق ئىچكى موڭغۇل ئۆكتىچىلىرىنىڭ كۆكخوت قاتارلىق جايلاردا ئوردوس مىللىي مەدەنىيەت جەمئىيىتى، جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلق ئىتتىپاقى قاتارلىق تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئەركىنلىك، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىش ھەرىكىتى 1980‏-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئىچكى موڭغۇل ئۆكتىچىلىرىنىڭ غەرب ئەللىرىدە سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇپ، موڭغۇللارنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشقا باشلىغان ۋاقتى1990-يىللارنىڭ كېيىنكى مەزگىلىگە توغرا كېلىدۇ.

ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنى مەركەز قىلغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلق پارتىيىسى بىلەن ئامېرىكىنى مەركەز قىلغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى موڭغۇللارنىڭ نۆۋەتتىكى غەرب ئەللىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككى غوللۇق تەشكىلاتى. گەرچە بۇ ئىككى تەشكىلات 1990‏-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئىچكى موڭغۇل موڭغۇللىرىنىڭ داۋاسىنى قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگە قەدەر، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغالمىغان ئىدى. پەقەت يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بېرى خىتاي دائىرىلىرى بىر قىسىم موڭغۇل ئۆكتىچى زىيالىيلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن نەزەربەند قىلىپ، جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلق ئىتتىپاقىنىڭ قۇرغۇچىسى خادانى قاماق جازاسى توشقاندىن كېيىنمۇ قويۇپ بېرىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، موڭغۇللارنىڭ ۋەزىيىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان.

ئىچكى موڭغۇللۇق ئايال يازغۇچى گاۋرۇت خۇ چىنخۇنىڭ 2010-يىلى نويابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنىپ، يېقىندا تۇيۇقسىز ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەتبۇئات ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان نۆۋەتتىكى سەزگۈر مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. خۇچىنخۇ نەزەربەند ئاستىدىكى مەزگىلىدە ئىچكى موڭغۇلنىڭ جىرىم (توڭلياۋ) شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ئىدى. لېكىن، مەركىزى نيۇيوركتىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خۇ چىنخۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ئوغلىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئاشكارىلىشىچە، خۇچىنخۇ دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان 27‏-يانۋار كۈنى دائىرىلەر ئۇنى دوختۇرخانىدىن ئېلىپ كەتكەن ۋە شۇنىڭدىن بېرى ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇش سەۋەبى مەلۇم ئەمەس. لېكىن، ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خۇ چىنخۇ ئىلگىرى ئىككى كىتاب ۋە نۇرغۇن ماقالە يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى موڭغۇلنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان ۋە موڭغۇللارنىڭ ئۆكتىچى رەھبىرى خادانى قوللىغان.

بىراق، خۇ چىنخۇا يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بېرى ئۆكتىچى پىكىرلىرى سەۋەبىدىن نەزەربەند قىلىنغان بىر قاتار موڭغۇل زىيالىيلىرىنىڭ بىر نەپىرىلا خالاس. ئالماس شىرنود ئىچكى موڭغۇلنىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇشىغا قارشى چىقىپ، موڭغۇللارنىڭ ھەق-ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پىكىرلىرى سەۋەبىدىن نەزەربەند قىلىنغان موڭغۇل ئۆكتىچىلىرىنىڭ يەنە بىرىدۇر. دائىرىلەر ئىچكى موڭغۇلنىڭ جىرىم ئايمىقىدىكى موڭغۇل مىللىي تېبابەتچىلىك شىپاخانىسىدا دوختۇرلۇق قىلىدىغان ئالماس شىرنودنىڭ سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشىنى چەكلىگەن. ئۇ رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى. ئالماس شىرنود "مېنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىم، مەن ھازىر پەقەت ئىشقا بارىمەن-ئىشتىن كېلىمەن شۇ. مېنىڭ سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشىمغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. مېنىڭ پاسپورت ئىشلىتىشىمگە يول قويۇلمايدۇ. مېنىڭ سىرتقا چىقىشىمغا بولمايدۇ. باشقا جايلارغا بېرىشىمغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. لېكىن، بۇ چەكلىمە مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ" دەيدۇ.

بەزى ئانالىزچىلار، خىتاي دائىرىلىرىدىن يېقىندىن بېرى ئىچكى موڭغۇل ئۆكتىچىلىرىنى نەزەربەند قىلىش ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىشنى جىددىيلەشتۈرۈشىدىكى سەۋەبلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ، دائىرىلەرنى ئىچكى موڭغۇلدا ئۈرۈمچى "5-ئىيۇل ۋەقەسى" گە ئوخشاش بىر مىللىي توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇنداق بىر توقۇنۇشقا جامائەت پىكرى ھازىرلايدىغان ئۆكتىچى پىكىر-ئېقىملارنى باستۇرۇشنى جىددىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى، خۇچىنخۇئا، ئالماس شىرنود، ئۇناگا قاتارلىق يازغۇچى ۋە زىيالىيلارنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋە نەزەربەند قىلىنىشىدا يۇقىرىقى ئەندىشىنىڭ رولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئىچكى موڭغۇل خىتايدا ئاپتونوم رايون ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان مىللىي رايوندۇر. خىتاي كومپارتىيىسى 1947 -يىلى خىتايدا تېخى ھاكىمىيەتنى تولۇق ئېلىپ بولمىغان مەزگىلدىلا موڭغۇللارغا ئاپتونوم ھوقۇقى بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. لېكىن، ئىچكى موڭغۇل خىتاي كومپارتىيىسى1949‏-يىلدىن باشلاپ ھاكىمىيەت سورىغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل خىتايلاشتۇرۇش ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەن ئىدى. سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئىچكى موڭغۇلنىڭ نۆۋەتتىكى نوپۇس قۇرۇلمىسى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ، ئاپتونوم رايون نوپۇسنىڭ 80% ئىنى خىتايلار ئىگىلىگەن. بۇ موڭغۇل مەدەنىيىتى ۋە موڭغۇل تىلىنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. بەزى ئانالىزچىلار، بۇ ئەھۋال يېقىندىن بېرى موڭغۇل زىيالىيلىرىدىكى ئۆكتىچىلىك پىكرىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئالماس شىرنودنىڭ نەزەربەند قىلىنىشى ئۇ دۇچ كەلگەن بۇ جەھەتتىكى تۇنجى سىياسىي بېسىم ئەمەس ئىدى. ئۇ بۇلتۇر توردا موڭغۇل مەدەنىيىتىنى قوغداش توغرىسىدىكى بىر پائالىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، تۇتقۇنغا ئۇچرىغان ۋە 3 ئاي قاماپ قويۇلغان ئىدى. ئۇ رادىئومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا دائىرىلەرنىڭ ئۆزىنى "بۆلگۈنچىلىك" ۋە "قۇتراتقۇلۇق" بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى، لېكىن رەسمىي جازاغا تارتمىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئالماس شىرنود "بۇلتۇر مەن بىر پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان ئىدىم. يەنى ئۇ موڭغۇل خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە مۇھىت مەسىلىسىگە ئالاقىدار بىر پائالىيەت ئىدى. بۇ پائالىيەت توردا ئۇيۇشتۇرۇلغان. مەقسىتىمىز ئەمەلىيەت جەريانىدا ماڭغىنى بولىدىغان بىر يول ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىدى. بۇ ئالدىنقى يىلى 5‏-ئاينىڭ 1‏-كۈنى ئېلىپ بېرىلماقچى ئىدى. لېكىن، ئۇلار مېنى 4‏-ئاينىڭ 30-كۈنى قولغا ئالدى" دەپ كۆرسەتتى. ئالماس شىرنودنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دائىرىلەر ئۇنى دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇش"، "قۇتراتقۇلۇق قىلىش" دېگەندەك قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا رەسمىي قاماق جازاسى بېرىلمىگەن. ئۇ پەقەت 3 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، نەزەربەندكە قويۇپ بېرىلگەن ۋە ھازىرغا قەدەر نەزەربەند ئاستىدا ياشىماقتا ئىكەن. ئالماس شىرنود، ئۆزىنىڭ ئالدىنقى يىلى قوزغىماقچى بولغان تور ھەرىكىتىدە موڭغۇلچىلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ موڭغۇل يايلاقلىرىنى ۋەيران قىلىشىغا قارشى تۇرغانلىقى، شۇ سەۋەبلىك بۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى بىئارام قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن، مەركىزى نيۇيوركتىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىقى موڭغۇل يازغۇچى ۋە ئۆكتىچى زىيالىيلىرىنى قاماققا ئېلىشى ۋە نەزەربەند قىلىشىنىڭ ھېچقانداق قانۇنى ئاساسى يوق. مەزكۇر ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئىنخىباتۇ تۇغۇچۇق تۈنۈگۈن رادىئومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا "خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان روشەن تاجاۋۇزچىلىقتۇر. نۆۋەتتە ئاز دېگەندە 6-7 نەپەر موڭغۇل ئۆكتىچى زات قاماققا ئېلىندى ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى خادا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى، جۈملىدىن خۇچىنخۇ ۋە باشقا موڭغۇل ئۆكتىچى زاتلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز. ئۇلار شەرتسىز ۋە دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەك" دېگەن. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېكولوگىيىلىك كۆچمەنلەر سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى موڭغۇلدا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ "خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئاتالمىش ئېكولوگىيىلىك كۆچمەنلەر سىياسىتى يولغا قويۇۋاتىدۇ. بۇ سىياسەت ئىچكى موڭغۇلدىكى بارلىق موڭغۇل چارۋىچىلىرىنى كۆچۈرۈشكە قارىتىلغان. مەقسىتى يايلاقلارنى قوغداش نامىدا ئۇلارنى شەھەر، يېزا ئىگىلىك رايونلىرىغا كۆچۈرۈشتۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى موڭغۇللارنىڭ ئەنئەنىۋى كونا چارۋىچىلىقى يوقىتىپ، يايلاق ۋە ئوتلاقلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. شۇڭا ئۇلار موڭغۇللارنى يايلاق ۋە ئوتلاقلاردىن ھەيدەپ چىقىرىپ ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى ئىكەن. بۇ ئەمەلىيەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يەنە بىر شەكلىدۇر، يەنى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدۇر."