خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئىجرا قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە چەكلىمە قويۇپ، مۇشۇ ئىككى يىل ئىچىدە ئىجرا قىلىشنى قارار قىلغان. خىتاينىڭ مەزكۇر قارارنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ياكى باشقا سەۋەبلەرنى كۆزلەپ چىقارغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدا ھەر يىلى بىر يېرىم مىليون ئادەم ئىچكى ئەزاسىنى كۆچۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، بىراق ھەر 10 مىڭ ئادەمدىن پەقەت بىر كىشى بۇ خىل ئىمكانىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ سەھىيە تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئۇلارنىڭ رازىلىقىسىز ئېلىۋالىدىغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ بۇ خىل قىلىش خىتايدا ئىچكى ئەزالارنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.
ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيىنى قوغداش فوندى ناملىق تەشكىلاتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ئېتان گۇتماننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېلىش قىلمىشى ئۇيغۇر ئېلىدىن باشلىنىپ، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە كېڭەيگەن. ئۇ ئۇزۇن يىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، دوختۇر، سېسترا ۋە ساقچىلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق تەييارلىغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا، 1994-يىلى تۇنجى قېتىم ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان بىر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ چالا ئۆلۈك قىلىنىپ، ئىچكى ئەزاسى تىرىك ئېلىۋېلىنغانلىقىنى قەيت قىلغان.
لېكىن خىتاينىڭ مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى خۇاڭ جيېفۇ، پەيشەنبە كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەسكەرتىپ: جۇڭگونىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەسىلىسىدە، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان مەھبۇسلار ئىئانە قىلغان ئىچكى ئەزالارغا تايىنىدىغان بۇ ئەھۋالغا، مۇشۇ ئىككى يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي خاتىمە بېرىلىدۇ، دېگەن. بىراق ئۇنىڭ سۆزىدە مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ كۆچۈرۈشكە پۈتۈنلەي خاتىمە بېرىلىدىغان ياكى قىسمەن يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق كانادا تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر قارارىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكىنى ئىلگىرىلەپ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش خەۋپى مەۋجۇت.
يەنە بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خۇاڭ جيېفۇنىڭ سۆزىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشى گۇمانلىق. گۇمانلىق قاراشتىكى ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ، بۇ خىل ۋەدىلەرنى بەرگەنلىكىنى، بىراق ئىجرا قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشقا نىيەت باغلىغان بولسا، ئەدلىيە ۋە ئاخباراتنى ئېچىۋېتىپ،جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.
2010-يىلى خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى بىلەن خىتاي قىزىل كرېست جەمئىيىتى بىرلىشىپ، پۇقرالارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى خالىسانە ئىئانە قىلىش پروگراممىسىنى يولغا قويغان. خۇاڭ جيېفۇنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر پروگرامما يولغا قويۇلغان 2010-يىلى 3-ئايدىن بۇيان، 1200 ئادەم ئۆزىنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى بېغىشلىغان. بىراق بۇ سان ئىچكى ئەزالىرىنى ئالماشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق خىتاي بىمارلىرىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشتىن كۆپ يىراق. مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا تايىنىشقا خاتىمە بېرىلسە، خىتاينىڭ كۆچۈرۈشكە ئېھتىياجلىق ئىچكى ئەزالارنى قانداق قامدايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. خىتاي 2007-يىلى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئىچكى ئەزا سودىسىنى مەنئى قىلغان. 2011-يىلى قانۇن چىقىرىپ، باشقىلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، ئىچكى ئەزاسىنى بېغىشلاشقا مەجبۇرلاش، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ قاتىللىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى بېكىتكەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكىنى توسۇپ قالالمىغان.
ئىچكى ئەزاغا بولغان ئېھتىياجنىڭ زورلۇقى، خىتايدا پايدىسى كۆپ، زور كۆلەملىك بىر ئەتكەسچىلىك تورىنى شەكىللەندۈرگەن.
مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل ئەتكەسچىلىك تورى خىتاينىڭ ئەدلىيە، سەھىيە ۋە ساقچى ئورگانلىرىغا تۇتۇشىدۇ.
لېكىن خىتاي ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان مەھبۇسلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى 2009-يىلى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان مەھبۇسلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئېلىنىشتىن بۇرۇن، يازما رازىلىق ئېلىش تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى ئۇلارنىڭ رازىلىقى بىلەن ئېلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر مەسىلە بەزى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بۇ يىل 9-ئايدا مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشكە قارشى تۇرۇش خەلقئارا دوختۇرلار تەشكىلاتى ئامېرىكا ۋە ب د ت غا ئىلتىماس سۇنۇپ، خىتايغا ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىشنى دەرھال توختىتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.