فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسى 16-ئىيۇن ئېلان قىلغان «توپىلاڭ قوراللىق باستۇرۇلغان بولسىمۇ، شەھەر تەرتىپى تېخى ئەسلىگە كەلمىدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىم گۇاڭجۇدا پارتلىغان توپىلاڭ ھۆكۈمەت ئېيتقاندەك يەرلىكلەر بىلەن سىچۈەنلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئەمەس، بەلكى ماھىيەتتە خەلقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق ۋە نەپرەتلىرىنىڭ ئىنكاسىدۇر. خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى چېرىكلىك، ھۆكۈمەتنىڭ مۇستەبىتلىكى، قانۇنسىز يەر ئىگىلىۋېلىش، بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق قاتارلىق بىر تالاي ئامىللار خەلق قەلبىدە قوزغىغان غەزەپ-نەپرەتلەر بۇ قېتىمقى توپىلاڭ ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان بۇ خىلدىكى توپىلاڭلارنىڭ جاۋابكارلىقى خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىغا تەۋە بولۇپ، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنىڭ مېۋىسى خىتاي خەلقىگە باراۋەر تەقسىم قىلىنمىغان. مەنىۋى ۋە سىياسىي ئىسلاھات ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەقسىزلىققا ئۇچراۋاتقان ئاۋامنىڭ بۇ خىلدىكى قارشىلىقلىرىدىن ساقلىنىش مۇمكىن ئەمەسكەن.
16-ئىيۇن كۈنى بوشۈن تورى ئېلان قىلغان «گۇاڭجۇدىكى توقۇنۇش خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتۇر، ھۆكۈمەت زىددىيەتنى بۇرمىلىماقتا» ناملىق مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، گۇاڭجۇدا يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى توپىلاڭ 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن توپىلاڭ بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەن. ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىدىكى خىتايلار ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كالتەك-توقماقلار بىلەن قوراللانغانغا ئوخشاش، گۇاڭجۇدىكى خىتايلارمۇ قورال-توقماقلار بىلەن قوراللىنىپ، سىچۈەنلىكلەردىن مۇداپىئە كۆرگەن. بىراق، گۇاڭجۇدىكى بۇ قېتىمقى توپىلاڭنىڭ پارتلىشىدىن گۇمانلىق يىپ ئۇچلىرى مەۋجۇت.
مۇلاھىزىدە مۇنداق دېيىلگەن: گۇاڭجۇدىكى ۋەقە قارىماققا سىچۈەنلىكلەر بىر يەرلىكنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، يەرلىكلەر ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قوزغالغان. ئىككى يۇرتلۇقلار ئوتتۇرىسىدا مۇشۇ سەۋەبلىك زور قانلىق توقۇنۇش ئوتتۇرىغا چىققان. ئەمەلىيەتتە، سىچۈەنلىكلەرنىڭ كىمنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. ئۆلگۈچىنى كۆرگەن ئادەممۇ يوق، ھەتتا ئۇنىڭ سۈرىتىنىمۇ ھېچكىم كۆرگەن ئەمەس. بۇ خەۋەر پەقەتلا كوچا خەۋىرى بولۇپ، خەلق بۇ كوچا خەۋىرىگە بىنائەن كىملەرنىڭ قۇترىتىشى بىلەن كۆتۈرۈلگەنلىكى، ئوت قويۇش ۋە بۇزۇپ-چېقىش ھادىسىلىرىمۇ نورمال ئەمەس. خۇددى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار بۇزۇپ-چېقىشنى باشلاپ بەرگەندەك ۋە بۇ ساقچىلار خەلق تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغاندەك، گۇاڭجۇدىكى بۇزغۇنچىلىقتىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ قولى بارلىقى ئېنىق.
مۇلاھىزىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: يەرلىك بىلەن ياقا يۇرتلۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى ھۆكۈمەت مەقسەتلىك پىلانلىغان ۋە يېتەكلىگەن. بۇ خىل ۋاسىتىنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىشقا سېلىپ كېلىۋاتىدۇ. خۇددى تارىختا يۈز بەرگەندەك، نامراتلارنى قۇترىتىپ بايلارنى يوقىتىشقا ئوخشاش. ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ قانداق ۋاسىتىلەر بىلەن بۇنداق سۇيىقەستنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقى سىر بولۇپ تۇرماقتا. خەلقئارا قەلەمكەشلەر خىتاي مەركىزىنىڭ رەئىسىمۇ ئەينى چاغدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي خەلقى بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا قەستەن زىددىيەت تېرىۋاتقانلىقى توغرىلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئىدى.
مەزكۇر مۇلاھىزىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، 2009-يىلىدىكى شاۋگۇەن ۋەقەسىمۇ «ئۇيغۇرلار خىتاي قىزلىرىغا باسقۇنچىلىق قىلدى» دېگەن ئۆسەك سۆز تۈپەيلى پارتلىغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار خىتاي توپىلاڭچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئاقىۋەتتە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ پارتلىشىدا ئوت پىلتىسىلىق رولىنى ئوينىغان ئىدى. ئەگەر بۇنداق توپىلاڭلارنى ھۆكۈمەت قەستەن قوزغاۋاتقان بولسا، ئۇنداقتا نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى بولىدۇ؟
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ، ئاساسى مەقسەتنىڭ نىشاننى بۇراش ئەركىنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق توپىلاڭلار باھانىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈچلەرنى ئومۇميۈزلۈك تازىلاش مەقسىتىگە يېتىدىغانلىقىنى، نىسپىي بولسىمۇ بىر مۇددەتلىك تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
«گۇاڭجۇدىكى توقۇنۇش خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتۇر، ھۆكۈمەت زىددىيەتنى بۇرمىلىماقتا» ناملىق مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خالىسا بىر توپ دېھقانلارنى، ئىشچىلارنى بۇزۇپ چېقىش، ئۆلتۈرۈش، ئوت قويۇش ھادىسىلىرىگە قۇترىتىپ، بۇنىڭغا قارشى قەستەن قوزغىتىلغان خەلقنى قانلىق باستۇرۇپ، ئۇ يەردە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقاتى-تەربىيىسى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلايدىكەن ۋە كەلگۈسىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھۆكۈمەتكە قارشى زور توپىلاڭلارنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.