لىۋىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا كازافىي غەلىبە قىلامدۇ؟
2011.03.15
بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، ئامېرىكىنىڭمۇ لىۋىيىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرقانداق بىر ھەربىي ھەرىكەتتە يالغۇز قېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۈگۈن ئېلىنغان خەۋەرلەردىن قارىغاندا، لىۋىيىنىڭ ئاساسلىق نېفىت پورتلىرىدىن بىرى بولغان برېگادا كازافىي كۈچلىرى بىلەن قارشىلاشقۇچى كۈچلەر ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەرگەن. توقۇنۇشلاردا ئىسيانچى كۈچلەرنىڭ كۈچىنى يوقىتىپ، كەينىگە چېكىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. قورال ۋە باشقا لاۋازىمەتلەر جەھەتتە ئاجىز ھالەتتە بولغان ئىسيانچى كۈچلىرى كازافىي كۈچلىرىنىڭ ھاۋادىن ئېلىپ بارغان بومباردىمانلىرى جەريانىدا جىق چىقىم تارتقان بولۇپ، نەتىجىدە بۇ كۈچلەر شەرقتىكى ئەجدەبىيە ۋە غەربتىكى زۇۋارا رايونلىرىدا كەينىگە چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر لىۋىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى ئاساسەن توختاپ قالغان. گەرچە كازافىي كۈچلىرى توقۇنۇش نەتىجىسىدە لىۋىيىدىكى بەزى مۇھىم نېفىت پورتلىرىنى كونترول ئاستىغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ نېفىت بازىلىرى بۇنداق بىر شارائىتتا ئىشقا چۈشەلمەيدىكەن. لىۋىيىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى توختاپ قالغانلىقتىن، ھازىر دۇنيادىكى نېفىت باھاسىمۇ سۈرئەت بىلەن ئۆسمەكتە. بۈگۈن خەلقئارا ئېنېرگىيە ئورگىنى بايانات بېرىپ، نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، لىۋىيدىن كېلىدىغان نېفىتنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا تىرىشىشىغا قارىماي، نېفىت باھاسى ئۆرلەپ، ھەر بىر باك نېفىت باھاسىنىڭ 100 دوللاردىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ۋە بۇ خىل ئۆرلەشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
لىۋىيىدە داۋام قىلىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش قوشنا دۆلەتلەرگە ۋە شۇنداقلا پۈتۈن دۇنياغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما لىۋىيىدىكى بۇ قالايمىقانچىلىققا قانداق خاتىمە بېرىش مەسىلىسى توغرىسىدا دۇنيا تېخى بىرلىككە كېلەلىگىنى يوق. پارىژدا ئېلىپ بېرىلغان گ - 8 دۆلەتلىرى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشتىن كېيىن رەھبەرلەر كازافىينى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، ئەمما « ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» بەرپا قىلىش قارارى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون پارىژدىكى مەزگىلىدە لىۋىيىلىك ئۆكتىچى لىدېر ماھمۇت جىبرىل بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇچرىشىشتا ھىللارىي كىلىنتون ئامېرىكىنىڭ لىۋىيىگە ئىنسانىي ياردەمدىن باشقا يەنە قانداق ياردەملەرنى قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. سۆھبەت 45 مىنۇت داۋام قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سۆھبەتكە دائىر مەزمۇنلار ئاشكارىلانمىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر باشقا دۆلەتلەردىن « ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» ۋە باشقا ھەربىي مۇداخىلىگە نىسبەتەن كۈچلۈك قوللاش كەلمىگەن تەقدىردە، ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىپ، يالغۇز قېلىشنى خالىمايۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا ئىكەن. چۈنكى، مەيلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بولسۇن، مەيلى ناتو ۋە ياكى ئەرەب دۆلەتلىرى بولسۇن لىۋىيىگە ھەربىي ھەرىكەت ئەمەس، «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» شەكىللەندۈرۈشنىڭمۇ يوللۇق ياكى يوللۇق ئەمەسلىكى، بۇنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ھەققىدە بىرلىككە كېلەلمىگەن بولۇپ، بۇنداق بىر شارائىت ئاستىدا ئامېرىكىمۇ بىر ئىپادە بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا.
ئۇنداقتا، بۇنداق بىر شارائىتتا كازافىي جەڭدە يېڭىپ، قايتىدىن دۆلەتنى قولغا ئالامدۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت. ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ئىستىخباراتىنىڭ باشلىقى جېيمىس كلەپېر «ئۇزۇن مۇددەتتە كازافىي ئۇتۇپ چىقىدۇ» دېگەندىن كېيىن، ئاقساراي دەرھال بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ « بۇ پىكىرنىڭ ئوباما ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقى، ئوبامانىڭ بۇنداق قارىمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. كىلەپېرنىڭ بۇ سۆزلىرى ھەم نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى. قارشى پىكىردىكىلەر بولسا، گەرچە ھازىر توقۇنۇشلاردا كازافىي ھەربىي جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندەك كۆرۈنسىمۇ، بۇنىڭ ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىي ھاياتىنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ئىچكى ئۇرۇش داۋام قىلىپ، نۆۋەتتە ئىسيانچىلارنىڭ بازىسى بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىنگازىغا يېتىپ كەلسە، ئۇ ۋاقىتتىكى توقۇنۇشلاردا ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر چىقىم تۆلەپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرقىي رايونلاردا كازافىينىڭ ئىستىخبارات پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنى قوللايدىغانلار كۈچلۈك ئەمەس. شۇڭا بۇنداق بىر شارائىتتا شەھەرلەردە توقۇنۇش مەيدانغا كېلىپ قالسا، كازافىي ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشتا ئاجىز كەپ قالىدۇ. يەنە بىر مۇھىم ئامىل بولسا چەت دۆلەتلەرنىڭ بېسىمى بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە، چەتئەل دۆلەتلىرى كازافىي ھاكىمىيىتى بىلەن ئىلگىرىكىدەك ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتمايدۇ. دۆلەتنىڭ نېفىت تىجارىتى ۋە باشقا تىجارەتلىرى ئىلگىرىكىدەك راۋان بولمايدۇ. ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئىسيانچىلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلار بىلەن دىئالوگ قۇرسا، ئىسيانچىلارغا كېلىدىغان ياردەممۇ ئارتىدۇ. شۇڭا، رۇسىيە چېغىدا لىۋىيىگە قورال سېتىشنى توختاتقان شۇنداقلا ئەرەب بىرلىكى ۋە قولتۇق دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىقلار كازافىيغا قارشى تەرەپكە ئۆتكەن بۇنداق بىر شارائىتتا، ئۇزۇن مۇددەتتە كازافىينىڭ غەلىبە قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ كۆرسەتمەكتە.
يەنى يىغىپ ئېيتقاندا، كۆزەتكۈچىلەر گەرچە ئىسيانچىلار قوراللىق توقۇنۇشلار ئارقىلىق دەرھال غەلىبە قىلالمىسىمۇ، ئەمما ئاخىرقى ھېسابتا، خەلقئارا بېسىمنىڭ نەتىجىسىدە كازافىي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.