رادىئويىمىزنىڭ بېيجىڭ ئاھالىلىرىدىن ئەھۋال ئۇقۇشىچە، گەرچە ھېچكىم مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە كېچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ئىسپاتىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىسىمۇ، ئەمما مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىنتايىن جىددىي بولغانلىقىنى، ھەربىي قىسىملارنىڭ ھەرىكىتى غەلىتە بولغانلىقىنى، كېچىدە ناھايىتى چوڭ پاتىپاراقچىلىق بولغانلىقىنى، ھەتتا ئوق ئېتىلغانلىقىنى تەسۋىرلەپ بەردى.
بۇ، مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بو شىلەينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى مەنسىپى ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن مەركىزى كومىتېتتا يۈز بەرگەن ھوقۇق كۈرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بۈگۈن كوممۇنىست خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا داۋاملىشىۋاتقان جىددىي ھوقۇق كۈرىشىدىكى قارىمۇ-قارشى تەرەپلەردىن ۋېن جياباۋ، بو شىلەي، جۇ يۇڭكاڭلارنى ئاشكارىلاشقا تېرىشتى ۋە بۇ ھەقتىكى بايانىنى ۋېن جاباۋنىڭ 4-ئىيۇن ۋەقەسىنى ئاقلاش تەشەببۇسىدىن باشلىدى.
ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «مالىيە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا، 1989-يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ھەۋىسىنى ئىپادىلىگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوراللىق باستۇرۇپ، خىتاينىڭ سىياسىي تەرتىپىنى بۇزۇۋەتكەن «تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسى»گە قايتىدىن باھا بېرىش ھەققىدە ئۇدا ئۈچ قېتىم تەكلىپ قويغان.
«تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسى» نى ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي دائىرىلىرى «ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭ» دەپ بېكىتكەن ئىدى. ئەمما خەلق يىگىرمە نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ يەكۈنگە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىرلاردىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ «مالىيە ۋاقىت گېزىتى» گە سۆزلەپ بېرىشىچە، ۋېن جياباۋ باش مىنىستىر بولغاندىن كېيىن بۇ تارىخىي «جاراھەت» نى ساقايتىشنى ئويلىغان. ئەمما ئۇ ھەر قېتىم يۇقىرى قاتلامدىكى مەخپىي يىغىندا بۇ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلغان، بۇنىڭ ئاۋانگارتى بو شىلەي.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 1989-يىلى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا باشلانغان دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ھەرىكىتىنى دەرھال باستۇرۇش ھەققىدە دېڭ شاۋپىڭغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى مەركىزى كومىتېتنىڭ باش سېكرېتارى جاۋ زىياڭنى مەڭگۈلۈك نەزەربەندكە ئالدۇرغان، ئۇنىڭ ئورنىغا جاڭ زېمىننى مەركىزى كومىتېت باش سېكرېتارلىقىغا تەيىنلىگۈزگەن، ھەربىي قىسىملارغا بۇيرۇق چۈشۈرگۈزۈپ، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرغۇزغان پېشقەدەم كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاۋانگارتى بو يىبو ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى بو شىلەي ئىزچىل ھالدا دادىسىنىڭ سىياسىي مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا مەنسەپ مۇددىتى توشىدىغان ۋېن جياباۋ يېقىندا، دەۋرنىڭ تەرەققىياتى تارىخىي خاتالىقلارنى تۈزىتىدىغان يول بەلگىسى بار ئورۇنغا كېلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان.
«مالىيە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ بايان قىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 6-كۈنى يۈز بەرگەن «ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى» دىن كېيىن، كوممۇنىست خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پارتلىغان ھوقۇق كۈرىشى كۈندىن-كۈنگە جىددىيلىشىۋاتىدۇ. گەرچە مالىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭدىن ئاز بولمىغان كىشىلەر ئىنتېرنېت ئارقىلىق، 19-مارت كۈنى (دۈشەنبە كۈنى) كېچىدە، خىتاي مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى جۇ يۇڭكاڭ بېيجىڭدا ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىپ مەغلۇپ بولغانلىقىنى بايان قىلدى. شۇ ۋاقىتتا جۇڭنەنخەيدە جىددىي ئېتىشىش يۈز بەرگەن. گەرچە بۇ ۋەقە تېخى خىتاي دائىرىلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما شۇ كۈندىن بۇيان جۇ يۇڭكاڭنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىنغانلىقى ئېنىق. ھازىر ھەممە كىشىگە ئايان بولغىنى شۇكى، خىتاينىڭ «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» 21-مارت كۈنى مەركىزى كومىتېت سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئۈچ مىڭ ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق ئۆلكە، ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك سىياسىي قانۇن كومىتېت باشلىقلىرىنى بېيجىڭغا چاقىرتىپ كېلىپ يىغىن ئاچقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇ سىياسىي قانۇن يىغىنىدا، مەركىزى كومىتېت سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى جۇ يۇڭكاڭ سەھنىگە چىقمىدى.