4-نۆۋەتلىك ئىدىل-ئۇرال تۈركىي مىللەتلىرى قەلەمكەشلىرى بىرلىكىنىڭ يىغىنى قىرىمدا داۋاملاشماقتا

4-نۆۋەتلىك ئىدىل-ئۇرال تۈركىي مىللەتلىرى قەلەمكەشلىرى بىرلىكىنىڭ يىغىنى ئۇكرائىنىينىڭ قىرىم تاتار رايونىنىڭ مەركىزى ئاق مەسچىت شەھىرىدە داۋاملاشماقتا.

0:00 / 0:00

6-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىنغا ئىدىل-ئۇرال قەلەمكەشلەر بىرلىكىگە ئەزا 15 قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىدىن 50 ئەتراپىدا كىشى قاتناشماقتا بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا تۈركىي مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا تەرجىمە خىزمەتلىرىدە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش ۋە تۈركىي مىللەتلەردە پىكىر ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. شۇنداقلا 9-ئايدا كورىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا قەلەمكەشلەر قۇرۇلتىيىغا سۇنۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ نامى ئاستىدا ئۇيغۇر تىلىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن تەكلىپ ماقۇللانغان.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسى ئېزىز ئەيسا ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.