گەرچە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ماۋ زېدۇڭنىڭ ئابرويىنى قوغداش ئۈچۈن، ماۋزېدۇڭ ھەققىدىكى ھەرقانداق سەلبىي قاراشلارنى چەكلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۆز ھاياتىدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى خەلققە ئاشكارىلاشنى زۆرۈر دەپ قارىغان بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرى، ماۋ زېدۇڭغا ئىلاھ سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى بىر ئىنسان سۈپىتىدە باھا بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىمەكتە.
يېقىندا خىتايدا چىقىدىغان «يەن خۇاڭ چۈن چىيۇ» ناملىق ئايلىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان، خىتاينىڭ نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ليۇ زېخۇانىڭ «مېنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ئىدىيىۋى مۇساپەم» ناملىق ماقالىدە، ماۋ زېدۇڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەخمىنەن 75% ىنىڭ ئۇنىڭ كاتىپى تەرىپىدىن يېزىلىپ ماۋ زېدۇڭنىڭ ئىمزاسى قويۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ئۇزۇن يىل ماۋ زېدۇڭ ئەسەرلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، نۆۋەتتە چەتئەلدە ياشاۋاتقان خىتاي زىيالىيلىرىدىن ۋۇ فەن ئەپەندى، كانادادىكى يېڭى تاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سابىق خىتاي رەئىسى ماۋ زېدۇڭنىڭ باشقىلارنىڭ ئىجادىي ئەمگىكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان قەلەم ئوغرىسىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ «ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى» دەپ مەدھىيىلىنىپ كېلىنىۋاتقان ھەربىي تاكتىكا ھەم پەلسەپىۋى قاراشلىرىنىڭمۇ، ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇنازىرىلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋۇ فەن ئەپەندى ئۆز بايانىدا خىتاي كومپارتىيىسى تارىخىدا، ماۋ زېدۇڭنىڭ جىڭگاڭشەن ئۇرۇشى ھەم قىزىل ئارمىيىنىڭ 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپىرىدىكى مەشھۇر تەدبىرى دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان 16 سۆزلۈك «دۈشمەن يېقىنلاشسا چېكىنىمەن، دۈشمەن قوغلىسا قاچىمەن. دۈشمەن چارچىسا ھۇجۇم قىلىمەن، دۈشمەن قاچسا مەن قوغلايمەن» دېگەن تەلىماتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى مارشال جۇ دېنىڭ تەدبىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ۋۇ فەن ئەپەندى يەنە، ماۋ زېدۇڭنىڭ خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى پرېزىدېنتى جاڭ جېشىنىڭ ئۇرۇش تەدبىرلىرىنى، ھەتتا چەتئەللىك ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەربىي تەلىماتلارنىمۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىقى ھەققىدىكى مىساللارنى تىلغا ئالدى.
ۋۇ فەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماۋ زېدۇڭنىڭ «خەلق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش» دېگەن ماقالىسىدىكى نەزەرىيىلەر گېرمانىيە ھەربىي ئالىمى رودىنوف تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جۇ دې تەرىپىدىن ئەينى يىللىرى خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇلغان ئىكەن. خىتاي كوممۇنىست پارتىيە تارىخىدا «ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ماۋ زېدوڭ ئوتتۇرىغا قويدى» دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان «ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش ھەققىدە» دېگەن تەلىماتى بولسا خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پرېزىدېنتى جاڭ جېشى ئوتتۇرىغا قويغان «ياپونغا قارشى ئۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزۇنغا سوزۇپ، ياپونىيىنى ھالسىزلاندۇرۇش» دېگەن تەدبىرىدىن ئېلىنغان ئىكەن.
ۋۇ فەن ئەپەندى ئۆز بايانىدا يەنە نۆۋەتتە ماۋ زېدۇڭنىڭ خىتاي تارىخىدىكى ئورنىغا باھا بېرىش مەسىلىسىدە خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئوخشىمىغان قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ۋۇ فەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 1996 - يىلى خىتاي مەركىزى پارتىيە مەكتىپى ھەم خىتايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقانداق بىر شەخس ياكى تەتقىقات جەمئىيەتلىرىنىڭ سابىق خىتاي رەئىسى ماۋ زېدۇڭنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يېتىدىغان تېمىلاردا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما، ماۋ زېدۇڭغا توغرا باھا بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان خىتاي زىيالىيلىرى تور بېكەتلىرىدە ماقالىلەر ئېلان قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىدىن ماۋ زېدۇڭنىڭ خىتاي تارىخىدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى تەنقىدلەش ھەم ئۇنىڭ خاراكتېرىدىكى يارىماس ئىللەتلەرنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىش سادالىرى بارغانچە كۈچەيگەن.
