بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتى شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ستوكھولمنىڭ شىستا رايونىدىكى مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە ستوكھولمدا ياشىغۇچى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ھەمدە شۋېتسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى قاتناشتى.
خاتىرىلەش پائالىيىتىدە 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى تارىخىي شارائىت ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ يىقىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەندى. ئاخىرىدا شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۈچۈن زۆرۈر بولۇۋاتقان ئالتە تۈرلۈك مۇھىم مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ سۆزىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ۋەتەن داۋاسى ئېلىپ بېرىشتا ئالدى بىلەن ئورتاق ئىدېئولوگىيە ۋە پىكىرگە كېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىقى ھەمدە ئىش بىرلىكى ئېلىپ بېرىشىنىڭ نۆۋەتتە سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتتى. مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئەللەردە جامائەتلىشىشى ھەمدە ئىجتىمائىي توپلۇق ھالىتىدە ياشىشىنىڭ چەتئەللەردىكى مىللىي مەۋجۇتلۇق ۋە مىللىي دەۋا ئىشلىرىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. نىجات تۇرغۇن تۆتىنچى مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە مۇھاجىرەتتە تۇغۇلغان ۋە يېتىلىپ چوڭ بولغان يېڭى ئەۋلادلارنىڭ كېلەچەكتە ئۇيغۇر دەۋاسىنى قولىغا ئېلىشى ھەمدە داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ تەخىرسىزلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇندىن باشقا، ئۇ يەنە خەلقئارا ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ئۇيغۇر مىللىي دەۋا ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرۇش نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت دىققەت نەزىرىدە بولۇشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى. ئاخىرىدا ئۇ مۇھاجىرەتتە ياشىغۇچى ھەر بىر ۋىجدان ئىگىلىرىنىڭ ئۆزلىرى مۇمكىن بولغان ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ۋەتەن دەۋاسى ئۈچۈن تەشۋىقات جەھەتتىن كۈچ قوشۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.