كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

11-نويابىر كۈنى كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ 1933-يىلى ۋە 1944-يىللىرى قەشقەر ۋە غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلىدى.

0:00 / 0:00

خاتىرىلەش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن، شەرقى تۈركىستان دۆلەت مارشى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.ئاندىن شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى يولىدا قۇربان بولغان بارلىق شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان قىلىندى.

يىغىلىشتا كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ئابباس، ئۇيغۇر ئېلىگە كەڭ تونۇلغان شائىر ئەخمەتجان ئوسمان ۋە شائىر تۇيغۇن ئابدۇۋەلى قاتارلىقلار شائىر دېكلاماتسىيە قىلدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.