جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى ئۆزئارا تەبرىكلىشىش شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى ئەنئەنىسىگە ئايلانماقتا

شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئون يىللاردىن بېرى 12-نويابىر كۈنىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جۇمھۇرىيەت كۈنى بايرىمى سۈپىتىدە تونۇپ، ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، تەبرىكلەپ كەلگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بېرى پەقەت پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، خۇددى قۇربان ھېيت، روزى ھېيت ۋە نورۇز بايرىمى كۈنىدىكىدەك بىر-بىرىگە تېلېفون قىلىش، ئۇچۇر يوللاش ۋە ئېلخەت يېزىش ئارقىلىق جۇمھۇرىيەت كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلىشىپ كەلمەكتە. بىز مۇناسىۋەت بىلەن شۋېتسىيىدىكى بىر قانچە ئۇيغۇرغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ جۇمھۇرىيەت كۈنىدە بىر-بىرنى تەبرىكلىگەن ياكى تەبرىكلىمىگەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى بولدۇق.

شۋېتسىيە ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار تېز كۆپىيىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى ئۆزئارا تەبرىكلىشىش ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق بىر تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن؟ ئۇنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟ بىز تېلېفون زىيارىتىمىز ئارقىلىق بۇ سوئاللارغا پېشقەدەملىرىمىز ئارقىلىق جاۋاب تاپتۇق.