نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلىدى

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 12-نويابىر كۈنى پايتەخت ئوسلودا ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەندى.

0:00 / 0:00

پائالىيەت باشلانغاندا ئەڭ ئاۋۋال شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى قويۇلۇپ، مېھمانلار قوللىرىنى كۆكرەكلىرىگە تۇتۇپ ھۆرمەتتە تۇردى. ئاندىن كېيىن تەشكىلات باشلىقى پەرھات ياقۇپ ئەپەندى تەييارلاپ ئېلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ تارىخىغا ئائىت فىلىم قويۇلدى ۋە بۇ ھەقتە چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتۈلدى.

بۈگۈنكى بۇ تارىخى ئەھمىيەتلىك كۈندە يەنە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ خىزمەتلىرى يەكۈنلىنىپ ئۆتۈلدى ۋە خانىم-قىزلار ئارىسىدىن بۇ بۆلۈمنىڭ رەھبەرلىرى تاللىنىپ سايلام ئېلىپ بېرىلدى.

yighingha-qatnashqan-bir-qisim-xanim-qizlar-385.jpg
جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان بىر قىسىم خانىم-قىزلاردىن خاتىرە. 2011-يىلى 12-نويابىر، نورۋېگىيە. (RFA/Aygul Yusup)

ئاياللار بۆلۈمى رەھبەرلىرىدىن نىلۇفەر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ تەشكىللىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئانىلارنىڭ پەرەزەنتلىرىنى غۇرۇرلۇق، ئىمانلىق ۋە ئىختىساسلىق ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى قىلىپ تەربىيىلەشتە بىلىم، تەجرىبىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى، شۇ تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قەرەللىك ھالدا ئۇچرىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سۆھبەتلىشىپ تۇرۇشىنىڭ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرىدىغان بىر مۇھىم پۇرسەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

پائالىيەتكە قاتناشقان خانىم-قىزلار ئۆزلىرى ئېتىپ ئەكەلگەن ئۇيغۇرچە تائاملارغا ئېغىز تەگكەچ، ئۆزلىرىنىڭ تەشكىلاتتىن كۈتىدىغان ئارزۇ-تەلەپلىرى ۋە باشقا تۈرلۈك تېمىلار ھەققىدە كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشتى. بۇنىڭدىن باشقا مۆمىنجان باشلىقىدىكى سەنئەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بىر نەچچە ئارتىس قىزلار سەنئەت نومۇرى كۆرسىتىپ پائالىيەت كۈنتەرتىپىنى بېيىتتى.

بۇ قېتىمقى ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى، ھەيئەت ئەزالىرى ۋە خانىم-قىزلاردىن بولۇپ 50 كە يېقىن كىشى قاتناشتى.