تۈركىيەدە ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خاتىرىلەندى

2006-11-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

bahadirliq.jpg
1944- يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارقاتقان "باھادىرلىق" ئوردىنى

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئەلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 1933 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قەشقەردە، 1944-يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۇنى غۇلجىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىن شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلاندى. يىغىنغا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور، دوكتور ئابدۇلقادىر دونۇك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئۆمەر قۇل ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى 23 يەشىدا تېمىسىدا، مىمار سىنان گۈزەل سەنئەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور، دوكتور ئاھمەت تاشاغىل ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 62 يېشىدا تېمىسىدا سوز قىلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتىقىنى پېنسىيىگە چىققان گەنەرال، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى مەمەت رىزا بېكىن قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

قىممەتلىك مېھمانلار، ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئەزىز يۇرتداشلىرىم، ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ يىلمۇ ئەزىز يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستاندا يېقىن تارىخىمىزدا شەرقىي تۈركىستان نامى بىلەن قۇرۇلغان دۆلەتلىرىمىزنى خاتىرلەش مەقسىتى بىلەن بۇ يەرگە يىغىلىپ ئولتۇرۇپتىمىز. بۈگۈنكىدەك سوغۇق ۋە يامغۇرلۇق كۈندە بۇ يىغىنىمىزغا قاتناشقانلىقىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلارغا شەرقىي تۈركىستانلىقلار نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ئوخشاشلا 11-ئاينىڭ 12-كۇنىگە توغرا كېلىدۇ. قەشقەردە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۇنىگە توغرا كېلىدۇ، غۇلجىدا قۇرۇلغىنى بولسا 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۇنىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ 11-ئاينىڭ 12-كۇنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە چاقىرىلغان بىر يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىم ئۈچۈن بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى بىر ھەپتە بۇرۇن خاتىرلەپ ئولتۇرۇپتىمىز. تۆۋەندە قىممەتلىك بىلىم ئادەملىرىمىز بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىدۇ. يىغىنىمىزنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.

كېيىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئۆمەر قۇل ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى 73 يېشىدا تېمىسىدا سوز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە قارايدىغان بولساق، ھەر جەھەتتىن 21-ئەسىرگە يارىشىدىغان بىر جۇمھۇرىيەت ئىدى. بۇ جۇمھۇرىيەت خىتايلارنىڭ ۋە رۇسلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېلىپ بارغان بېسىم ۋە زۇلمىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۇرەشلەر نەتىجىسىدە قۇرۇلغان بىر جۇمھۇرىيەتتۇر.

ئۆمەر قۇل ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان خىتايلار تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغان مۇستەملىكە دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ زېمىنى ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ياقۇپخان بەدەۋلەتىنىڭ 1863-يىلى قۇرغان دۆلىتى 14 يىل مۇستەقىل قالغان. بۇ دۆلەت ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەلچىلىرى ئارقىلىق ئوسمانلى دۆلىتىگە ئىتائەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئەينى زاماندىكى ئوسمانلى پادىشاھى سۇلتان ئابدۇلەزىز نامىدا پۇل باستۇرغان.1875-يىلىدا ياقۇپخان بەدەۋلەتى ۋاپات بولغاندىن كېيىن خىتايلار بۇ زېمىننى بېسىۋالىدۇ. بۇ زاماندا شەرقىي تۈركىستانغا شىنجاڭ ئىسمىنى بېرىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك شىنجاڭ دېگەن گەپ يېڭى تۇپراق دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇنىڭدىنمۇ شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنىڭ خىتاي زېمىنى ئەمەسلىكىنى ئوچۇق ئاشكارە كۆرىۋالالايمىز.

كېيىن، مىمار سىنان گۈزەل سەنئەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئاھمەت تاشاگىل ئەپەندى سوز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ بىر مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ خىتاي تارىخچىلار دېگەندەك، جوڭگو ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

بۇ ئىنقىلاپ خىتايلارنىڭ دېگىنىدەك ئەمەس، ئەكسىچە ئىمپېرىئالىزمغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان بىر ئىنقىلاپتۇر. بۇ ئۇرۇش ھۆكۈمىتى، مىنىستىرلىرى، دۆلەت باشلىقلىرى ۋە خەلقلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ بېرىلغان بىر ئازادلىق ئۇرۇشىدۇر. بۇ ئۇرۇش بەزى سەۋەپلەردىن تۈپەيلى يەنى خىتاي ۋە رۇسىيىدىن ئىبارەت ئىكى چوڭ كۈچنىڭ تىل بىرىكتۈرۈشى بىلەن مەغلۇپ قىلىنغان بىر ئۇرۇش. خىتايلار دېگەندەك گومىندانغا قارشى بىر ئۇرۇش ئەمەس.

پروفېسسور، دوكتور ئاھمەت تاشاگىل ئەپەندى خىتاينىڭ ئوز تارىخى مەنبەلىرىگىلا قارايدىغان بوساق بۇ زېمىننىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي تۇپرىقى ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىگنانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

تارىخى مەنبەلەردە بۇ يەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەپ يەر ئالغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. خىتايلارنىڭ ئوز تارىخى مەنبەلىرىدىلا بۇ زېمىننىڭ خىتاي زېمىنى ئەمەسلىكى يېزىلغان. خىتايلارنىڭ شىنجاڭ ئەزەلدىنلا خىئاينىڭ زېمىنى دەپ يېزىشىپ پەقەتلا سىياسى كۆزقاراش خالاس. ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى خەلقئاراغا بۇ زېمىننىڭ خىتاينىڭ مۇستەملىكە رايونى ئىكەنلىكىنى ياخشى ئاڭلىتىشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا بېقىۋېلىنغان تۇپراق ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقى شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى يېزىپ چىقىش كېرەك.

بۇ ئىكى جۇمھۇرىيەتنى ئەسلەش يىغىنىغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەردىن بولۇپ كوپ ساندا كىشى قاتناشتى. بىز يەنە بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن كوز قاراشلىرىنى ئالدۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت