0:00 / 0:00
مەلۇم بولۇشىچە ئۇلار گوللاندىيىدە پاناھلىق تەلىپى رەت قىلىنىپ لاگېرلاردىن چىقىرىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار بولۇپ، جان ئاچچىقىدا خىتاي كونسۇلخانىسىغا بارغان ۋە ئۇ يەردە قارشىلىق كۆرسىتىپ پۇخادىن چىقماقچى بولغان. نەتىجىدە گوللاندىيىنىڭ ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، تۇتۇپ كېتىلگەن بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى قۇربانجان مۇتەللىپ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ئاتابېك ئىكەن. بۇ ئىككى ياش، كەلگەندىن بىرى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقان ئاكتىپلاردىن بولۇپ، بۇ ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن «گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.