خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر باستۇرۇشنى ئاخباراتتىن يوشۇرۇن تۇتۇش ۋە يەرلىكلەرگە تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ بېسىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ئىككى يىلدىن كېيىن ئاشكارىلاندى.
ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى خوتەن كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ساقچىلىرى، شەھۋانىي ئېلان ۋە رەسىملەرنى يىرتقان ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ بىرى بولغان 23 ياشلىق داۋۇتنى نەق مەيداندا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، 22 ياشلىق ئابدۇجېلىلنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2010-يىلى 4 ئايدا كېرىيە ناھىيىسى كوچىلىرىدا، يېرىم يالىڭاچ دېگۈدەك ئوچۇق كىيىملىك ئاياللارنىڭ رەسىملىرى پەيدا بولۇپ قالىدۇ. كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ھال دادۈي يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق داۋۇت بىلەن ئابدۇجېلىل يېرىم كېچىدە چىقىپ بۇ رەسىملەرنى يىرتىۋېتىدۇ. خىتاي ساقچىلىرى ئەتىسى ئۇلارغا قىلتاق قۇرۇپ، ئۇلارنى ساقلاپ تۇرىدۇ. داۋۇت بىلەن ئابدۇجېلىل يەنە كېلىپ شۇ خىلدىكى رەسىملەرنى يىرتماقچى بولغاندا، خىتاي ساقچىلىرى بېسىپ كېلىدۇ. داۋۇت، نەق مەيداندا بىر خىتاي ساقچىسىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈپ ئۆزىمۇ ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.
ئابدۇجېلىل قېچىپ دوستى ئابۇبەكرى مەمتۇرۇايىمنىڭ ئۆيىگە مۆكۈنۈۋالىدۇ، ساقچىلار قوغلاپ كەلگەندە ئابابەكرى مەمتۇرايىم ئىشىك ئالدىغا چىقىپ دوستىنى قوغداش ئۈچۈن ساقچىلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ نەق مەيداندا ق قۇربان بولىدۇ. ئۇ شۇ چاغدا 27 ياشلاردا ئىكەن. ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى يالتىراق خالتىغا سېلىپ ئېلىپ كېتىپ نامىزىنى چۈشۈرۈشكىمۇ رۇخسەت قىلمايدۇ.
ئارقىدىنلا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى باستۇرۇش ئۈچۈن خوتەندىن ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى يۆتكەپ كېلىدۇ ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە ئۆيمۇ-ئۆي ئادەم تۇتىدۇ.
ساقچىلار ئابابەكرى مەمتۇرايىمنىڭ دادىسىنى تۇتۇپ 10 كۈن سولاپ قويىدۇ ۋە بالىسى ئۈستىدىن ھېچقانداق ئەرز قىلماسلىققا ئىمزا قويدۇرۇپ، تەھدىت سېلىپ قىيىن قىستاققا ئېلىپ، قويۇپ بېرىدۇ. ۋەقە توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن كىشى مۇنداق دەيدۇ: «ئابابەكرى مەمتۇرايىمنىڭ ئائىلىسى ناھايىتى نامرات ئىدى. بىزدە نامرات دېھقانلار ياۋاش كېلىدۇ….»
شۇ قېتىمقى ۋەقەدە «ئۆيىدە پىچاق باركەن» دېگەن باھانە بىلەن تۇتۇلغان 22 ياشلىق ئابدۇل ئەزىز، ۋە «ئابابەكرى مەمتۇرايىم بىلەن بىللە قۇرۇلۇشتا كېسەك توشۇغان»، «مەمتۇرايىمنىڭ يېقىن دوستى» دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئېلىنغان 27 ياشلىق ئابدۇلھېكىمغا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
ۋەقەدىن تەپسىلىي مەلۇمات بەرگۈچى ھەر ئىككىسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىرىنچى تۈرمىگە قامالغانلىقىنى ئېيتىپ: «ھازىر ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەن بولۇپ ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى توغرىسىدا ئائىلىسىگە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەن» دەيدۇ.
ئابدۇلھېكىم، خىتاي ساقچىلىرى ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرگەندە قارشىلىق كۆرسىتىپ ئېلىشىدۇ. خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ ئوڭ پۇتى بىلەن ئوڭ قولىغا ئوق ئېتىپ يارىلاندۇرۇپ تۇتقۇن قىلىدۇ. قانسىراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قان توختاتقان بولسىمۇ، تۈرمە دوختۇرخانىدا داۋالىماي تاشلاپ قويىدۇ.
ۋەقەدىن خەۋەردار كىشى مۇنداق دەيدۇ: «ئابدۇلھېكىمنىڭ پۇتى بىلەن قولى دوختۇرخانىدا سېسىپ كىچىكلەپ كەتتى. 8 ئايدىن كېيىن ئۇلار ئۇنىڭغا يېپىق سوت ئېچىپ 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ ئۈرۈمچى بىرىنچى تۈرمىگە قامىدى، ئائىلىسىگە كۆرسەتمىدى…»
ۋەقەدىن كېيىن يەنە، داۋۇت بىلەن ئاغىنىدارچىلىقى بولغان 26 ياشلىق مۇھەممەت مەتتۇرسۇنمۇ قولغا ئېلىنغان بولۇپ مۇددەتسىز كېسىلگەن ئۇ ھازىر تۇرپاندىكى داخىيەن تۈرمىسىگە قاماقلىق.
ئۇنىڭ ياشىنىپ قالغان ئانىسىدىن باشقا ھېچكىمى يوق بولۇپ، ئانىسى يىغلاپ ساقچىلارنىڭ يېنىغا بارغاندا، ساقچىلار ياشىنىپ قالغان ئانىنىمۇ نەچچە كۈن سولاپ قويىدۇ. مەتتۇرسۇنغا 350 يۈەن قەرز بېرىپ تۇرغان 25 ياشلىق مەتقۇربان گاڭپەنمۇ مەتتۇرسۇن بىلەن بىللە قولغا ئېلىنغان بولۇپ داۋۇتنىڭ يېقىنلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلغان دېگەن باھانە بىلەن 8 يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئاقسۇ تۈرمىسىگە قامىلىدۇ.
ۋەقەنى ئاشكارىلىغۇچىنىڭ بايان قىلىشىچە، شۇ يىلى تۆتىنچى ئايدا كېرىيە ناھىيىسىدىنلا بىر بىرى بىلەن دوستلۇقى بولغان 27 ئۇيغۇر ياش قولغا ئېلىنغان.
خوتەن كېرىيىنىڭ ھال دادۈي يېزىسىغا قوشنا يېزىدىكىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ 27 كىشى پەقەت ھال دادۈيدىنلا قولغا ئېلىنغانلار ئىكەن. ئەمما شۇ چاغدا ئەتراپتىكى كەنتلەردىن تۇتقۇن قىلىنغان ياشلارنى قوشقاندا قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى 50 تىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى مەلۇم.
بىز ئەھۋالنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كېرىيە ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان خىتاي ساقچى ۋەقەنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما تېلېفوندا ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بۇ ۋەقەنى بىلمەكچى بولساڭ بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىڭ كېرەك. ساڭ دەپ بېرەي.» ئۇ شۇنداق دېگىنىچە تېلېفونىنى ئۈزۈۋەتتى.