ۋەقە خوتەن شەھىرىدىن 13 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى لايقا يېزىسىدا يۈز بەرگەن. ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا خېلىل جېلىل قاتارلىق 3 نەپەر ئۇيغۇر ياش لايقا يېزىسىدىكى قاۋاقخانا ساھىبى بىلەن جېدەللەشكەن.
جېدەلنىڭ ئاقىۋىتىدە قاۋاقخانا ساھىبى بولغان خىتاي ئەر - ئايال ئۆلگەن. جىدەلگە ئارىلاشقان 3 نەپەر ئۇيغۇر ياشتىن ئىككى نەپىرى شۇ كۈنى تۇتۇلغان، يەنە بىر نەپىرى يەنى خېلىل جېلىل ۋەقەدىن 10 كېيىن تۇتۇلغان.
بىز يەرلىك ساقچى پونكىتىدىن ۋەقەنى سۈرۈشتە قىلغىنىمىزدا، ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە خېلىل جېلىلنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
يەرلىك ئاھالىلەردىن بىرى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش جەريانى ھەققىدە بىزگە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قاۋاقخانا قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن جەمئىيەت تەرتىپىگە ھەر تەرەپتىن زىيان كەلتۈرگەن. ئاھالىلەرنىڭ مەزكۇر قاۋاقخانىنى تاقاش تەلىپى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. نەتىجىدە مەزكۇر توقۇنۇش كېلىپ چىققان.
بىر نەپەر گۇماندارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن يۈز نەپەر بىگۇناھ ئىنساننىڭ خاتا تۇتۇلۇشىغا يول قويۇش، ۋاڭ لېچۈەننىڭ مۇقىملىق تەدبىرلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن كېيىن ئەنە ئەشۇ تەدبىرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى بايقالماقتا.
قاۋاقخانا ۋە پاھىشخانا قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەخلاقىغا خىلاپ تىجارەت ئورۇنلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلمەكتە.
بۇ يىل يازدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 8 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ باشلىنىشىدىمۇ، ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر گۈزەللىك سالونىغا ھۇجۇم قىلغان. 10 - ئاۋغۇست كۇچا ۋەقەسىدىمۇ، خەلچەم ئابلىز قاتارلىق ئۇيغۇر جەڭچىلەر ساقچى ۋە ھۆكۈمەت بىنالىرى بىلەن بىرلىكتە پاھىشەخانىلارنى پارتىلاتقان.
بۇ قېتىم خوتەننىڭ لايقا يېزىسىدا يۈز بەرگەن قاۋاقخانا خوجايىنىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنىڭ پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان بىر سىياسىي ۋەقە ياكى ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ئىجتىمائىي ۋەقە ئىكەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.