ئىككى يىغىندىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىنكاسلار

بېيجىڭدا 3 - ئاينىڭ باشلىرى ئېچىلغان خەلق قۇرۇلتىيى ھەم سىياسىي كېڭەش يىغىنىدىن كېيىن، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەم ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى يەنە قوزغىماقتا. ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا ئېچىلغان ئىككى يىغىندىن كېيىنكى ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىگە ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە بولغان ئىنكاسلىرى قانداق؟

0:00 / 0:00

بېيجىڭدا ئېچىلغان خىتاينىڭ ئىككى چوڭ يىغىنى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا خىتاينىڭ بۇ يىغىنلىرىغا نىسپەتەن ئۈمىدسىز پوزىتسىيىنى ئىپادىلەپ، يىغىندىن كېيىن خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

رادىئومىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتى ھەم خىتاينىڭ رايوندىكى يەرلىك ھۆكۈمىتىگە نىسپەتەن قانداق قاراشتا بولىدىغانلىقىنى ئىگىلەش مەقسىتىدە، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىشنى خالىغان ئۇيغۇرلار بىلەن تېلىفون سۆھبىتىدە بولدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھەم ئوقۇغۇچىلار بار بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ كۈنلەردىكى ھېس - تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئىپادىلەشتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر پىشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مائارىپى ھەم ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلەپ، مىللىي مائارىپنىڭ بارغانچە ئارقىغا چېكىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىستىقبالىدىن بولغان ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىدى.

بۇ زىيالىي بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىككى يىغىن ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلغىنىدا، خەلق ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپى ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، خەلقنىڭ مىللىي مائارىپنىڭ تەرەققى قىلىشىغا تەشنا ئىكەنلىكىنى، ئەمما " قوش تىللىق مائارىپ" سىياسىتى سەۋەبىدىن مىللىي مائارىپ ئېتىبارسىز قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زىيارىتمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان، بۇ يىل قىش ھەم ئەتىياز پەسلىدە ئاپەتنىڭ ئېغىر بولغانلىقىنى، گەرچە ھۆكۈمەت ئاپەتكە نىسپەتەن قۇتقۇزۇش ھەم ياردەم بېرىش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دېھقانلارنىڭ زىيىنىنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىر بولغانلىقىنى، گۆش، كۆكتات قاتارلىقلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇ كىشى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىنكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يېزىسىدا نۆۋەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە قىلىپ تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئاساسەن ئۆز تىرىكچىلىكى بىلەن بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتايدا ئېچىلغان ئىككى قۇرۇلتاي ۋە بۇندىن كېيىنكى مىللىي سىياسەتكە نىسپەتەن دېھقانلارنىڭ سالقىن، ئەمما دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق مەسىلىلەردە ئەستايىدىل پوزىتسىيىدە بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تەبىئىي ئاپەتلەر ھەققىدىكى ئەنسىرىشىنى ئىپادىلىگەن بىر ئۇيغۇر، بۇ يىل قىش ھەم ئەتىيازدا يۈز بېرىۋاتقان تەبىئىي ئاپەتلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، ئۇ رايوندىكى يەر ئاستى يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى زىيادە ئېچىش ھەم رايوننىڭ تەبىئىي مۇھىتىنى ئېتىبارغا ئالماي يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بەزى سىياسەتلەر سەۋەبىدىن رايوننىڭ ئېكولوگىيىسى بارغانچە ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر يەر بايلىقلىرى مۇشۇنداق قارغۇلارچە ئېچىلىۋەرسە، رايوندا بۇندىن كېيىن تېخىمۇ زور تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالىنىڭ تېخىمۇ زور بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئۇيغۇرلار نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا نىسپەتەن يەنىلا ئۈمىدۋار پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەشتى. ئۇلار رايوندىكى بەزى مەسىلىلەرنىڭ ئوڭشىلىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى، ئاۋازلىرىنى ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سىياسىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئىككى يىغىنىدا، بۇلتۇر ياز پەسلىدە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىگە نىسپەتەن،" '5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى' مىللىي مەسىلە ئەمەس، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى بىر قىسىم بۆلگۈنچىلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن يۈز بەرگەن بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى" دەپ باھا بېرىپ، كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللاردا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتىدىكى سەۋەنلىكلىرىنى بوينىغا ئالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى مىللىي سىياسىتىدە يېڭىچە ئۆزگىرىش بولۇشىغا قارىتا ئۈمىدۋار پوزىتسىيىدە بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.