ئىككى نەپەر يىزۇ ياش چىڭداۋ ھەربىي ئايرودرومىدا ۋەقە پەيدا قىلغان

شياڭگاڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 17 - ئاۋغۇست كۈنى ئىككى نەپەر يىزۇ ياش چىڭداۋدىكى ھەربىي ئايرودرومىدا ۋەقە پەيدا قىلغان. ۋەقەنى نۆۋەتتە بىر قىسىم ئاخبارات ئورۇنلىرى، ئايروپىلان بۇلاش ۋە پارتلىتىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى دەپ خەۋەر قىلسا، چىڭداۋ ساقچى دائىرىلىرى بۇ بىر ئوغرىلىق گۇرۇھىنىڭ ئوغرىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى دەپ بىلدۈرمەكتە.

0:00 / 0:00

17 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى سەھەردە ئايرودرومىدىكى بىر ھەربىي ئەمەلدار ئىككى نەپەر نامەلۇم كىشىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ، ھۇجۇمچىلار ئۇنىڭ قورالىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرىنىدۇ. ھەربىي ئەمەلدار قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. ھۇجۇمچىلار مەقسىتىگە يېتەلمىگەندىن كېيىن، مەيداندىن قېچىپ كېتىدۇ، قېچىش جەريانىدا ھۇجۇمچىلارنىڭ بىر قىسىم پارتلاتقۇچ دورىلىرىنىڭ پارچىسى چۈشۈپ قالىدۇ.

ۋەقە شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرىدە يۈز بەرگەن. چىڭداۋ بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ساھىپخان شەھەرلىرىدىن بىرى. قولۋاق مۇسابىقىسى بۇ شەھەردە ئۆتكۈزىلىدۇ. ۋەقە يۈز ئايرودروم چىڭداۋنىڭ لىساڭچۈ رايونىدىكى ساڭكۇ ھەربىي ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، چىڭداۋ ساقچى ئورگانلىرى ھەرىكەتكە ئۆتكەن ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ھەربىي ئەمەلدار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ۋەقە گۇماندارلىرى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان. ۋەقەدىن ئىككى كۈن كېيىن گۇماندارلار قولغا چۈشكەن. گۇماندارلارنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى Echilahu، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى Yilulahu، بولۇپ،يىزۇ مىللىتىدىن.

خوڭكوڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى ۋە بىر قىسىم ئاخبارات ئورۇنلىرى ھۇجۇمچىلارنىڭ ئايروپىلان ئېلىپ قېچىپ چىڭداۋدىكى ئولىمپىك مەيدانىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. يەنە مەزكۇر ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ئايدا، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ مېيگۇ ناھىيىسىدىكى بىر ھەربىي ماتېرىياللار فابرىكىسىدىن 5 ساندۇق پارتلاتقۇچ دورا ئوغرىلانغان. بۇ قېتىم ۋەقە پەيدا قىلغان گۇماندارلار، دەل شۇ مېيگۇ ناھىيىسىدىن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەزكۇر ۋەقەنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرمەكتە. شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن، چىڭداۋ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

ئەمما جىنايەت مۇتەخەسسىسلىرى نورمالدا، ئوغرىلىق گۇرۇھلىرىنىڭ ھەربىي ۋە ساقچى ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلمايدىغانلىقىنى، يېنىدا ئەسلا پارتلاتقۇچ دورا ساقلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

خەۋەرلەردە بايان قىلىنغان ۋەقەنىڭ جەريانى، يۈز بەرگەن ئورۇن ۋە ھۇجۇمچىلارنىڭ ئىسىملىكى قاتارلىق مەلۇماتلار بىلەن ساقچى تەرەپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىلدۈرۈلگەن مەلۇماتلار ئاساسەن ئوخشاش؛ پەرق پەقەت ۋەقەنىڭ خاراكتېرىدا.

كۆزەتكۈچىلەر ئولىمپىك باشلانغاندىن بۇيان، ئولىمپىك روھى بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئارىسىدا ئىزچىل سۈركىلىش بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىشنىڭ قىيىن بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىشماقتا. مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، ئالدىنقى ھەپتە يەنە بېيجىڭدا يۈز بەرگەن بىر ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسىنى ئاشكارىلىغان، ئەمما خىتاي تەرەپ ۋەقەنى ئىنكار قىلغان ئىدى.

ۋەقە سادىر قىلغۇچىلار مەنسۇپ بولغان يىزۇ مىللىتى يەتتە مىليون نوپۇسقا ئىگە، ئاساسلىق سىچۇەن ۋە يۈننەن ئۆلكىسىدە ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار رايوندىكى ئىككىنچى چوڭ ئاز سانلىق مىللەت سانىلىدۇ. ئەمما يىزۇلارنىڭ ھازىرغا قەدەر خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ياكى خىتاي ئاھالىسىگە قارىتا جىددىي شەكىلدە نارازىلىقى بار - يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس.